باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۆيلەرنى مەجبۇرىي چېقىش قاتتىق چەكلىنىدۇ

‹‹ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ‹دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى› نى يولغا قويۇش چارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى›› ئېچىلدى

2013.12.06 10:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ ئالداش ، زورلۇق ئىشلىتىش ، تەھدىت سېلىش ۋە توك ، سۇ ، پارلىرىنى توختىتىۋېتىش ، ھەتتا خىزمەتتىن توختىتىش ، ئىش ئورنىدىن ئايرىۋېتىش ، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆي ئىگىلىرىنى ئۆي-زېمىن تۆلىمى توختامىغا ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىشىغا ياكى ئۆيىنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدىكەن . 1-دېكابىر ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان ‹‹دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى ›› نى يولغا قويۇش چارىسى ( تۆۋەندە چارە دەپ ئېلىنىدى) ›› رەسمىي ئېلان قىلىنغان .

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چىن 4-دېكابىر مۇنداق دېگەن : ‹‹ ‹ چارە › دىكى ئۆيلەرنى ئېلىپ ، تۆلەم بېرىش بەلگىلىمىسىدە ، ئۆيى ئېلىنىدىغانلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئەتى قوغدىلىدىكەن ›› . ئاپتونوم رايونلۇق ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چاڭ ۋېيمىڭنىڭ ئېيتىشىچە ، ‹‹چارە›› ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆي ئېلىش خىزمىتىدە قوللىنىدىغان مۇھىم قانۇنىي ھۆججەت بولۇپ قالىدىكەن .

  ‹‹ ئۆي ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش نىزامى ›› نى يولغا قويۇش چارىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر