باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىسىمدىن چېكىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاقىلانە تاللىشى(2)

2013.12.06 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە، ئىككى يىللىق ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇپ قالدى، ھەربىي سەپتىن چېكىنىش ۋە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاللاش ئالدىدا مەرھابا ئالىم سەل ئىككىلىنىپ قالدى. ئۇ دادىسىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندا، دادىسى ئۇنىڭ داۋاملىق قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇ يەنىلا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشنى قارار قىلدى.

  3-دېكابىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەپسىلاتىنى ئەستايىدىل ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەرھابا ئالىم «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزى ئىش تېپىش كېلىشىمى» گە ئىمزا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ھەقسىز تېخنىكىلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا بېرىشنى قارار قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «لىياۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش سەرگۈزەشتەم قانداقلا بولمىسۇن ئۆتمۈشكە ئايلاندى، ھازىر ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا زور كۈچ بىلەن ئۆزى خىزمەت تېپىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ تېزدىن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىشى ئۈچۈن ھەقسىز كەسپىي تەربىيىلەش كۇرسلىرى تەسىس قىلىندى». بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 141 ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتەيلەن كۆرسەتمىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تۆتەيلەن جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنىنى تاللىدى، 131 ئادەم ئۆزى خىزمەت تېپىشنى تاللىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر