باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىسىمدىن چېكىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاقىلانە تاللىشى(1)

2013.12.06 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كەسىپ پىلانى يۆنىلىشى ھەققىدە ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 3-كۈنى 24 ياشلىق مەرھابا ئالىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدا «ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزى ئىش تېپىش كېلىشىمى» گە ئىمزا قويدى، بۇ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىزمىتىنى ئۆزى تاپىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ئۆزى خىزمەت تاپقان شەھەر-بازاردىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى تارقىتىدىكەن.

  بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن مەرھابا ئالىم دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسى «لىياۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسى» نىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ئەسكىرى بولۇپ، يېقىندا ھەربىي ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش نەپىقە بېرىش-ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدا كېلىپ تىزىمغا ئالدۇردى، ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسى «لىياۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسى» دا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن مەرھابامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تىزىملىتىشقا كەلدى. مەرھابا مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، مەرھابا ئالىم بولسا ئۆزى ئىش تېپىش تەقدىرىگە يۈزلەندى.

  ئىككى يىل بۇرۇنقى ھەربىي سەپكە تىزىملىتىش كەچۈرمىشى ھەققىدە توختالغاندا، مەرھابا ئالىم ئىنتايىن پەخىرلىنىپ كېتىدۇ. 2011-يىلى 6-ئايدا ئۇ شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئايرودرومغا بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا ئۇ ھەربىي سەپكە ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال تىزىملاتتى ۋە نۇرغۇن سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆتكەندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مەرھابا ئالىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 نەپەر ئۇيغۇر قىزى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي دېڭىز فلوتىغا كېلىپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى. قىسىمغا كەلگەندىن كېيىن ئۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يېڭى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ئايلىق يېڭى ئەسكەرلەر مەشىقىگە قاتناشتى ۋە مەشىقنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن تەلىيىگە يارىشا ئوڭۇشلۇق ھالدا «لىياۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسى» غا بۆلۈندى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر