باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى يۇقىرى كونۋېرتېرلىق تىرانسفورموتور ياسالدى

تېخنىكىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى

2013.12.06 09:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: يۇقىرى كونۋېرتېرلىق تىرانسفورموتور بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى 4 - دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى سانائىتى رايونىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق بازىسىدىن ئاستا - ئاستا ئايرىلدى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالغان 600 كىلوۋولتلىق تۇنجى يۇقىرى كونۋېرتېرلىق تىرانسفورموتور ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ ئىككى يۇقىرى كونۋېرتېرلىق تىرانسفورموتورنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جىڭجۇغىچە بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، پۈتۈپ سىناق قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبى قۇمۇل 800± كىلوۋولتلىق كونۋېرتېر پونكىتىغا يۈرۈپ كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش تېخنىكىسى سانائىتى رايونى 6 - ئايدا قۇمۇل - جېڭجۇ لىنىيەسى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان 750 كىلوۋولتلىق بەش ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئالاقە تىرانسفورموتورىدىن كېيىن، قۇمۇل - جېڭجۇ لىنىيەسى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەنە بىر يۇقىرى كونۋېرتېرلىق تىرانسفورموتور مەھسۇلاتى ئىكەن.

  قۇمۇل - جېڭجۇ لىنىيەسى غەربتە جەنۇبى قۇمۇل 800± كىلوۋولتلىق كونۋېرتېر پونكىتىدىن باشلىنىپ شەرقتە جېڭجۇغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ، ئالتە ئۆلكە، شەھەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 2210 كىلومېتىر. قۇرۇلۇشقا تەخمىنەن 23 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 8 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا «12 - بەش يىل»دىكى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» تۈرىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش.

  ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ باشلىقى سۈن جيەن مۇنداق دېدى: ئالاھىدە تىرانسىفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى قۇمۇل - جېڭجۇ لىنىيەسىنىڭ توك يەتكۈزۈش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى باش ھۆددىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم ئەڭ مۇرەككەپ، تېخنىكىلىق تەركىبىي ئەڭ يۇقىرى بولغان يۇقىرى كونۋېرتېرلىق تىرانسفورموتورنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ، بۇ ساھەدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يېتىپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر