باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2013.12.06 08:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز مىلاقىز بەكرى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 4 - دېكابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 6 - ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا تەكلىپ سۇنۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى شياڭلىن شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا تەكلىپ تەييارلاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكلىپ خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 30 ئەزاسى بىرىنچى تەكلىپ بەرگۈچى ياكى بىرلىشىپ تەكلىپ بەرگۈچى سۈپىتىدە 375 ئادەم (قېتىم) تەكلىپ سۇنغان، بۇ شىنجاڭدىكى ئەزالار سانىنىڭ %93.8ىنى ئىگىلىگەن؛ 28 ئەزا بىرىنچى تەكلىپ بەرگۈچى سۈپىتىدە 151 تەكلىپ سۇنغان، بۇ شىنجاڭدىكى ئەزالار سانىنىڭ %87.5ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 128 تەكلىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، 30 - نويابىرغىچە 106 تەكلىپكە جاۋاب بېرىلگەن، بىر تەكلىپ بېجىرىلىش باسقۇچىدا ئىكەن، تەكلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن 12 تەكلىپكە جاۋاب بېرىلمىگەن. تەكلىپ بېجىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 22 تەكلىپ قوبۇل قىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، %20.8نى ئىگىلىگەن.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: ئەزالار ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق كۆرۈپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياخشى رول ئوينىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا مۇھەببەت باغلاش، شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ساداسى ۋە خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، تەكلىپ - تەۋسىيە بېرىش، مۇھاكىمە قىلىش، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق ئىشلىرىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقان ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر