باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكچى دېھقانلار مايسا بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى

2013.12.05 14:14   مەنبە: خەلق تورى

كۇچا ناھىيەسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەركەزلىك  مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكچى  دېھقانلار  مايسا بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : 25 - نۇيابىردىن 4- دېكابىرغىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازىرى ۋە بېھىشباغ يېزىسىنىڭ چىنباغ كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكچى دېھقانلارنى 1 مىليۇن 750مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئەلا سورتلۇق كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەپ، پارنىكچى دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسى ﻣﺎﻳﺴﺎ ﺯﺍﻛﺎﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﭖ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﺋﯜﭼﯜﻥ 0.1 ﻳﯜﻩﻧﺪﯨﻦ 0.2 ﻳﯜﻩﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻻ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﻳﺴﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ كاپالەتلىك قىلغان ۋە ھەر بىر ﺗﯜﭖ ﻣﺎيسىنى ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﺪﯨﻦ 0.50 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺳﯧﺘﯩﭗ بېرىپ، پارنىكچى دېھقانلارنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش ياكى باشقا جايدىن سېتىۋالغانغا سېلىشتۇرغاندا %50 چىقىمىنى تېجەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال مەدەت بەرگەن.

  سۈرەتتە: 4- دېكابىر بېھىشباغ يېزا چىنباغ كەنتى 4- گۇرۇپپىسىدىكى پارنىكچى دېھقان توختى باتۇر ( ئوتتۇرىدىكى كىشى ) مايسىلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىگىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز