ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى :كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان «چارۋىچىلىق تەرەققىياتىدا بۈسۈش يىلى » پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ ، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، چارۋىچىلىق تەرەققىيات پىلانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ، ناھىيە مەبلەغ سېلىش ، يېزا باشقۇرۇش ، خەلق پايدىلىنىش ئەندىزىسى بويىچە ئۈچ ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق رايونى قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى، ئۈچ يىلدىن بۇيان بۇ ناھىيە 25مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە كۆلەملەشكەن ئۆلچەملىك باقمىچىلىق بازىسى 24كە ، بېقىلىۋاتقان چوڭ- كىچىك چارۋا مال 35مىڭ 600تۇياققا يېتىپ، ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى.
سۈرەتتە: 4- دېكابىر كۇچا تەڭرىتاغ چارۋا مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بېھشباغ باقمىچىلىق بازىسىنىڭ مەسىئۇلى ئەنۋەر نىياز ( ئوتتۇرىدىكى كىشى) بورداۋاتقان قويلارنىڭ قىش پەسىللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.