باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا خەلققە پەن ـ تېخنىكىلىق نەپ يەتكۈزۈش ئۈچ پىلان تۈرى دۆلىتىمىزنىڭ 29 مىليۇن 400 مىڭ يۈەن قوللاش مەبلىغىگە ئېرىشتى

2013.12.05 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى «خەلققە پەن ـ تېخنىكىلىق نەپ يەتكۈزۈش 2013-يىللىق پىلان تۈرىنى تۇرغۇزۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى تەۋسىيە قىلغان «شىنجاڭ دۆربىلجىن ناھىيەسى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۈلگىسى»، «شىنجاڭ قاراماي شەھەرلىك يىراق مۇساپىلىك داۋالاش تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋە «شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى خېدۇڭ ئىقتىسادىي ئېكولوگىيەلىك توسۇق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئىشائاتى قۇرۇلۇشى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈر تەستىقلىنىپ، 29 مىليۇن 400 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈرلۈك مەبلەغكە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، تۇنجى تەستىقلانغان خىراجەت پۇلى تۇشمۇ ـ تۇشتىن يېتىپ كەلدى، تۈرلەرنى يولغا قويۇشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر