باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن باڭكوكقا قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھۆددە ئايروپىلانى قاتنايدۇ

2013.12.04 08:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شياۋيەن خەۋىرى: قىش پەسلىدە تايلاندقا ساياھەتكە بارماقچى بولغان شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر 2014 – يىلى 1 – ئايدىن 3 – ئايغىچە (ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى) ئۈرۈمچىدىن باڭكوك ئارىسىدا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يەتتە كۈنلۈك ساياھەت قىلسا بولىدىكەن.

  تايلاند جېت ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە شىنجاڭ كاڭخۈي خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، تايلاند چاڭيۈەن ساياھەت كوپىراتىپى قەرەللىك ساياھەت ھۆددە ئايروپىلانى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغان. ئۇدا ئۈچ ئاي 12 نۆۋەتلىك ھۆددە ئايروپىلانىنى سەپلەپ، يەنى ھەپتىدە بىر نۆۋەت ئايروپىلان قاتناش، ئۇنىڭدىن كېيىن بازار تەلىپىگە ئاساسەن ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش پىلانلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014 – يىلى 1 –، 8 –، 15 – يانۋار كۈنلىرىدىكى ھۆددە ئايروپىلانىنىڭ باھاسى 6000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. ھۆددە ئايروپىلاندىن سىرت ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 8000 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  شىنجاڭ كاڭخۈي خەلقئارالىق ساياھەت كوپىراتىنىڭ باش دىرېكتورى خۈي شىنرۇ مۇنداق دېدى: 1 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن ‹‹ساياھەت قانۇنى›› دىكى ئۆز يېنىدىن خىراجەت چىقىرىش ۋە مەجبۇرىي مال سېتىۋېلىشقا زورلاش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئۇزۇن لىنىيەلىك ساياھەت ھەققىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، مەسىلەن سىنگاپور، مالايشىيا، تايلادنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، قىسقا ساياھەت لىنىيەسى يەنى تايلادقا بىر ھەپتىلىك ساياھەت قىلىش خىراجىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭ بازىرىنى يەنىلا جەلپ قىلالىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر