باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2–نۆۋەتلىك مەشرەپ ساغلاملىق ئۇسسۇلى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلدى

2013.12.04 08:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ 2 – نۆۋەتلىك مەشرەپ ساغلاملىق ئۇسسۇلى تىرېنېر، رېپىر تەربىيەلەش سىنىپى 25 – نويابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ دەرس باشلىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن كۇرسانت لى شاۋخەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلچەملىك مەشرەپ ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىپ قايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى شاۋخەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مالىيە ئىدارىسىنىڭ پېنسىيونېرى، غۇلجا شەھەرلىك رەڭگارەڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆمىكىمىز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قازاق، شىبە مىللىتىنىڭ ئۇسسۇللىرىنى ئەستايىدىل تەييارلىغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم كورېيە، تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئويۇن قويۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ ماختىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق. لېكىن ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆپلىگەن ئۇسسۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ موڭغۇلچە ياكى زاڭزۇچە ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلىقى، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل بىلەن ئانچە تونۇشۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مەشرەپ ئۇسسۇلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قايتىپ ئومۇملاشتۇرۇپلا قالماستىن، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئۇسسۇلىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېڭىيىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.

  شۇ كۈنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستىدىن كەلگەن، ھەر مىللەتتىن بولغان لى شاۋخەندەك 66 مەشرەپ ھەۋەسكارى تەربىيەلەشكە قاتناشتى. بۇ سان ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئۇسسۇلى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شى شۇجۈەننىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەشرەپ ئاپتونوم رايونىمىزدا بەلگىلىك ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىگە ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن خەلق ساغلاملىق تۈرىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئۇسسۇلى جەمئىيىتىمىز 2012 – يىلى 10 – ئايدا تۇنجى تەربىيەلەش سىنىپى ئاچتى ھەم 2013 – يىلى 5 – ئاي قاراماي شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مەشرەپ ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر