باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ 2–تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىدۇ

2013.12.03 08:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە–ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى جايلاردىن ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى

  شىن ۋېيمىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتىيەنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا باشلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا ‹‹پارتىيەنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، جايلاردىن ساقلاپ تۇرماسلىق، يۆلىنىۋالماسلىق، تەشەببۇسكار بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلاپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە نىزامنامىسى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە دائىر بىر قاتار ھۆججەت ۋە كىتابلارنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىدار سۆزى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ‹‹ھەر مىللەت خەلقىنى قىزغىن سۆيۈش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش›› ئاساسىي تېمىسىدىكى تەربىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ‹‹ئىسىل پەزىلەتلىك كەنت كادىرى›› ليۇ گوجۇڭنىڭ ئىلغار ئىش – ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىش كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، جايلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشى يىلى پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئاساسىنى ئىگىلەپ، تۈزىتىش، يۇقىرى كۆتۈرۈش پىكرىنى قاراتمىلىققا ئىگە قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ھەرىكەتنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆزى تاللىغان ھەرىكەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، پائالىيەت ۋاسىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››نى كۆڭۈل قويۇپ بېكىتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر)، رايون، يېزا – بازار، (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)لەرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەم پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىگە، ئەھمىيەتسىز، بىھۇدە ئۆتكۈزۈلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار (ئوبلاست، شەھەر)نىڭ پارتكوم شۇجىلىرى 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشتىكى بىرىنچى جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۈلگە بولۇپ، نىشان تىكلەپ، يۇقىرى دەرىجىدىكىلەر تۆۋەن دەرىجىدىكىلەرنى يېتەكلەش، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى تۇتۇش، قاتلاممۇ قاتلام تۇتۇپ ئىزچىللاشتۇرۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى پارتكوم بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى بىر جايدىكى بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق، ئورۇن ۋە يېزا – بازار، (كوچا باشقارمىسى)نىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىنى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، كونكرېت يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش نۇقتىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پائالىيەتتە تىپىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نامى ياخشى، پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان، ئامما ئېتىراپ قىلغان، خەلق ئۈچۈن پاك خىزمەت قىلغان ئىلغار تىپلارنى بايقاپ، ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى كىشىلەرگە تەربىيە بېرىپ، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىشى كېرەك. جايلار ئېنىقلاپ چىقىلغان سىياسىيلىقى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ۋە ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇش، 2 – تۈركۈمدىكى پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغاندا ئاندىن ھەل قىلىشنى ساقلاپ تۇرماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر