باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى–خىزمەتچىگە ياردەم قولىنى سۇندى

2013.12.03 08:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ پىڭ، جيا تىڭنىڭ 28 – نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭغا يېڭى نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار 10 مىڭ 380 ئىشچى – خىزمەتچىگە غەمخورلۇق قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تيەنجىن، شاڭخەي، جياڭسۇ، جياڭشى، خۇنەن، خېنەن قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى››، ‹‹ئىللىقلىق يەتكۈزۈش››، ‹‹قىيىنچىلىقى بار ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتى››، ‹‹قىشلىق كىيىم – كېچەك ئىئانە قىلىش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قىيىنچىلىقى بار 3727 ئىشچى – خىزمەتچىنى يوقلىغان، قىيىنچىلىقى بار 2137 ئىشچى – خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان، قىيىنچىلىقى بار 689 ئايال ئىشچى – خىزمەتچى بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار 10 مىڭ 380 ئىشچى – خىزمەتچىگە ياردەم قىلغان.

  شاڭخەي، جياڭسۇ، تيەنجىن، جىلىن، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇ بېي، گۇاڭدۇڭ، سەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياردەم قىلىنىدىغان جايلاردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى كەسپىي بىلىم ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە 5508 ئادەم/قېتىم تەربىيەلىدى. جىلىن ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 1 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جايلارغا 450 MBA ئىختىساس ئىگىسى تەربىيەلەپ بەردى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ‹‹ساغلاملىق ئاپتوموبىلى›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشكەن قىيىنچىلىقى بار 50 ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ كانسۇ بازىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكى 19 ياشلىق پاتىگۈل ياسىننىڭ كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىغا 40 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىنى سىرتقا ئۆگىنىشكە تەشكىللەش بىلەن بىللە، يەنە 114 مۇتەخەسسىس، پىروفېسسور، ‹‹ئالتۇن مېداللىق ئىشچى››نى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارغا تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش، تېخنىكا يېڭىلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ياردەم قىلىنىدىغان جايلاردا 1369 ئادەم/قېتىم تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەندى. جياڭشى ئۆلكىلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار 46 ئىشچى – خىزمەتچىنى 60 كۈنلۈك زاكازلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىش ئورنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى، تەربىيەلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئورنىغا چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر