باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا پىكىر (2)

2013.12.03 08:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3. چىشى چارۋىنى كۆپەيتىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك

  7) ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، چىشى چارۋا كۆپەيتىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈر مەبلىغى ئارقىلىق يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەممە ئائىلىلەرنى چىشى چارۋىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، چىشى چارۋىنى تېز كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرى ‹‹ئولتۇراقلىشىپ چارۋىنى كۆپەيتىش›› قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېقىن ئېتىز – ئېرىق ۋە يېقىن ئورمانلىقتا قوي بېقىپ، ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللەش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تۆللىيەلەيدىغان ساغلىقنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى سەككىزدىن ئاشۇرۇش؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرى ‹‹چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بورداق قوينى قوتاندا بېقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ گېزەكلىك بورداق قوينى ئەرزان چېتىشتۇرۇش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ، تۆللىيەلەيدىغان ساغلىقنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنى تۆت ئۆپچۆرىسىدە ساقلاش؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى تۇتاشقان جايلاردا كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى)نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېز كۆپەيتىش، ئەرزان شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە تۆللىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كۆپەيتىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تۆللىيەلەيدىغان ساغلىقنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى بەشتىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلاش كېرەك.

  8) ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى نەسىللىك چىشى چارۋىلارنى كىرگۈزۈش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن نەسىللىك چىشى چارۋا كىرگۈزۈشكە مەدەت بېرىپ، يۇقۇمدىن ساقلىنىش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كىرگۈزگەن نەسىلنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كىرگۈزگەن ئىنچىكە قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى، خۇياڭ قويى، ۋادى قويى، ساففولىك قويى، دورسېت قويى، دۇبو قويى قاتارلىق نەسلى ياخشى، سويۇم ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان تۆللەيدىغان ساغلىققا ياردەم پۇلى بېرىش، يىللىق ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان ساغلىق 100 مىڭ تۇياق بولۇش؛ ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كىرگۈزۈلىدىغان نەسىللىك سويۇم ئىنەككە ياردەم پۇلى بېرىش، يىللىق ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان ئىنەك 10 مىڭ تۇياق بولۇش كېرەك.

  9) جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېڭىدىن كۆپەيگەن چىشى چارۋىغا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە چىشى چارۋىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا چىشى چارۋىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتنى تۈزۈپ، سويۇش، كارانتىن قىلىش ئارقىلىق سويۇش يېشىدىكى چىشى چارۋىنى تىزگىنلەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەدەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى دېھقان – چارۋىچى ئائىلىسىگە دولان قويى، خوتەن قويى، قىزىلسۇ قويى قاتارلىق يەرلىك نەسىللىك ساغلىقنى كۆپەيتىش ياردەم پۇلى بېرىش، يىللىق ياردەم پۇلى بېرىلىدىغان ساغلىق 200 مىڭ تۇياق بولۇش كېرەك.

  10) كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى) قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى) قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋا باقمىچىلىقىغا يەر، سۇ، توك ئىشلىتىشتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ كۆلەملەشكەن ئۆلچەملىك بورداق قوي باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى) قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنى مەركەزلىك ھالدا ئۆزى كۆپەيتىش، ئۆزى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى)نىڭ سىرتتىن چىشى چارۋا كىرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش، ئۆزى چارۋا توپىنى كۆپەيتىش ۋە ئېغىل – قوتانلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىپ، تىرىشىپ ھەر يىلى كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى)دىن 500نى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ سېلىش كېرەك.

  4. يەم – خەشەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك

  11) يەم – خەشەك تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ يەم – خەشەك يېرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەم – خەشەك ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زىرائەت بىلەن ئوت – چۆپنىڭ، ئورمان بىلەن ئوت – چۆپنىڭ ئارىسىغا تېرىش شەكلى ۋە تېخنىكىسىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق رايونى ۋە چارۋىچىلىق ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىدىكى يەم – خەشەكنى ئېڭىز ئورنىغا تېرىش كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا ياردەم پۇلى بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدىكى ئەلا ئوتلاق سورتىغا ياردەم پۇل مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈپ ۋە ئىشلىتىپ، نەسىللىك چارۋا ۋە ھوسۇللۇق ئوتلاق ئۈلگە ئېتىزىغا تېرىقچىلىق ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوت – چۆپ تېرىپ چارۋا بېقىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. تۈر مەبلىغىنى چېتىپ، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى سۈنئىي ئوت – چۆپ بازىسى قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ئاۋۋال يەم – خەشەك بازىسىنى مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئېنىق بېكىتكەن يەر تۈزلەش تۈرى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئاساسىي ئېتىز – ئېرىقنى ئاساسلىقى يەم – خەشەك تېرىشقا ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەم – خەشەك تېرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.

  12) ئوتلاقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق سۇ تېجەر سۈنئىي يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 2014 – يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ 3 مىليون مولۇق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق سۇ تېجەر ئۈلگە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىدە، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى چىقىدىغان رايونلارنى چۆرىدەپ، 1 مىليون مو يەرنى يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بەش يىلدا 5 مىليون مولۇق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق سۇ تېجەر سۈنئىي يەم – خەشەك بازىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسى بويىچە ياردەم پۇل بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىغا تايىنىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە يەر تۈزلەش قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا 10 مىليون مو كۆلەمدىكى سورتلۇق ئوتلاق مەيدانىنى قوغداش، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا 10 مىليون مو كۆلەمدىكى يەم – خەشەك يېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا 10 مىليون مو سۈنئىي ئوتلاق بەرپا قىلىشتەك ‹‹ئۈچ 10 مىليون مو›› قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سورتلۇق ئوت – چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت – چۆپ تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سورتلۇق ئوت – چۆپ ئورۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  13) شاخ – شۇمبا دانىچىسىنى يەم – خەشەككە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوت – چۆپ پىششىقلاش كارخانىلىرىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى يەم – خەشەك بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرى كۆممىقوناق، بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ شاخ – شۇمبىلىرىنى ئۇنىۋېرسال پىششىقلاش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرى كېۋەز غولىنى زەھەرسىزلەندۈرۈش ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىتىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، باشقا يەم – خەشەكنىڭ ئورنىغا كۆپلەپ سورتلۇق ئوت – چۆپنى ئىشلىتىشى كېرەك. شاخ – شۇمبا دانىچىسىنى يەم – خەشەككە ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەم – خەشەك پىششىقلاش كارخانىلىرى، ئوتلاق ۋە چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى) ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى (ئائىلىلىرى)نىڭ دانىچە ئارىلاشتۇرۇلغان يەم – خەشەكنى ئىشلەپچىقىرىشىغا، سېتىشىغا ياكى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى سېتىشىغا پىششىقلاش ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ شاخ – شۇمبا ئارقىلىق چارۋا بېقىش ئۈلگە ناھىيەسى بەرپا قىلىش تۈرىنى ئوبدان يولغا قويۇپ ۋە تەشكىللەپ، دانىچە ئارىلاشتۇرۇلغان يەم – خەشەكنى ئومۇملاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  14) يەم – خەشەك سودىسى ۋە ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى يەم – خەشەك سودا ۋە ئوبوروت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق غول تاشيول كېسىشكەن جايلاردىكى 12 نۇقتىلىق ناھىيە (شەھەر)دە، بىردىن يەم – خەشەك سودا بازىرى قۇرۇشقا يار – يۆلەك بولۇش كېرەك. يەم – خەشەك سودا بازىرىنىڭ تىجارەت كۆلىمى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىش، يەم – خەشەك تەمىنلەش، سېتىشقا قەرز پۇلى ئالغانلارغا بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى ئىشلەپچىقىرىش قەرز پۇلى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.

  15) ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يەم – خەشەك زاپاس ئامبىرىنىڭ يانداش يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقتا چوڭ – چوڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يەم – خەشەك زاپاس ساقلاش ئامبىرىغا 5000 مو ئۆلچەمدە، ھەر بىر ۋىلايەت (ئوبلاست)دەرىجىلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يەم – خەشەك زاپاس ساقلاش ئامبىرىغا 3000 مو ئۆلچەمدە قۇرۇش تەلىپى بويىچە، سېلىنىپ بولغان ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش 19 يەم – خەشەك زاپاس ساقلاش ئامبىرى ئۈچۈن يانداش يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇش؛ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش يەم – خەشەك زاپاس ساقلاش ئامبىرى سېلىنمىغان، چارۋىچىلىقتا ئاسان ئاپەت يۈز بېرىدىغان 12 ناھىيە (شەھەر) نىڭ مەبلەغ سېلىپ زاپاس ساقلاش ئامبىرى قۇرۇشىغا قارىتا، يانداش يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.

  5. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ھەر تەرەپلىمە ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  16) يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كالا، قوي باقمىچىلىق ھالقىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى، چارۋىچىلىق ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى، كالا، قوي باقمىچىلىقى كەسپىي كەنتلەرنىڭ مال دوختۇرلۇق ئىشخانىسى، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشخانىسى، چارۋا مال دورىلىق كۆلچىكى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ يۇقۇمىدىن ساقلىنىش قاتارلىق يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىش؛ چارۋا مال سودا – ئوبوروت ھالقىسىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چارۋا مالنى ئايرىش مەيدانى، كارانتىن قىلىش، كارانتىن مەلۇماتىنى يوللاش نۇقتىسى، تاشيول (تۆمۈريول)دىكى ھايۋانات ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە تىرىك چارۋا سودا بازىرىنىڭ ئالاقىدار ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. مال دوختۇرلۇق مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىدىن ساقلىنىش خادىملىرىنىڭ نەتىجە – ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ مائاشىنى ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىغا چېتىپ، كەنت دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىدىن ساقلىنىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاش؛ كۆلەملەشكەن بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى باقمىچىلىق مەيدانى (رايونى)غا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىن مال دوختۇرلۇق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، كىرگۈزگەن تېخنىك خادىملارنى كەنت دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمىدىن ساقلىنىش خادىملىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىپ ئالاقىدار بەلگىلىمىنى تەتبىقلىغان ئاساستا باشقۇرۇش كېرەك.

  17) كالا ۋە قويدا كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون سىرتىدىن چارۋا كىرگۈزۈشنى تەستىقلاش تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىرتتىن كىرگۈزگەن چارۋا مالنى ئايرىپ كارانتىن قىلىش ۋە بەلگىگە ئاساسلىنىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئۆلكىلەر ئارا ھايۋاناتلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى كۆپەيتىپ، ئۆلكىلەر ئارا ھايۋانات ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا نۇقتىلىق يۇقۇمنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ نەسىللىك چارۋا فېرمىسى ۋە نەسىل كىرگۈزۈش مەيدانىدا چوڭ – چوڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بىۋاسىتە تارقىلىشچان يۇقۇمنى تەكشۈرۈپ تۈگىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ۋە كېڭىيىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، رايونلار بويىچە كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق فېرمىسىدا ‹‹ئىككى يۇقۇم››نى پەيدىنپەي تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايوندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە قۇلاققا بەلگە ئېسىپ قويۇشقا خىراجەت ياردىمى بېرىش؛ پەن تەتقىقات ئورنى، بىيو بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن چوڭ تىپتىكى باقمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىرلىكتە قويغا ئىشلىتىدىغان يېڭىچە، ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

  18) چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مال دوختۇرلۇق دورىلىرى، يەم – خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇجلىرى، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش – كۆزىتىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋا مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار، باقمىچىلىق رايونى (فېرمىسى)نىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئارخىپى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، چارۋا مال دورىلىرى، يەم – خەشەك قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق ئۇچۇر سۇپىسىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي قۇشلىرىنى بەلگىگە ئاساسلىنىپ باشقۇرۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  6. پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  19) چارۋىچىلىقنىڭ ماشىنىلاشتۇرۇش جابدۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ئاساسىدا، جايلارنى چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش بويىچە يەرلىك مالىيەدىن يەنە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يەم – خەشەكنى يىغىش ۋە ساقلاش، يانجىش، شاخ – شۇمبا دانىچىسى پىششىقلاش ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. شاخ – شۇمبا پىششىقلاش ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر) بەرپا قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئۈلگىلىك ناھىيە (شەھەر) لەرنى مۇكاپاتلاش كېرەك. يېڭىچە قوللىنىشچان بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى بېقىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا – ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشتا ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كالا ۋە قوي باقمىچىلىق فېرمىسى (رايونى)دا ئاپتوماتلاشقان ئوقۇر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇھىتنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كالا ۋە قوي بېقىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش جابدۇق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  20) چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق فېرمىلىرى (ئائىلىلىرى)، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسلىقى بورداق قوي، گۆش كالىسىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش، دانچە يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، تەڭشەش، كۈندىلىك يەم – خەشەك مىقدارىنى تەڭشەش، چارۋا بېقىش، يۇقۇمدىن ئۇنىۋېرسال مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق ئەمەلىي تېخنىكىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىختىساسلىرىغا تايىنىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، 10 مىڭ يېزا، كەنت كەسپىي تېخنىكا خادىمىنى سىستېمىلىق تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك. ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق فېرمىسى (ئورنى) قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى چارۋىچىلىقتىكى ئەمەلىي تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسىدىن بەش – ئالتىنى قۇرۇپ، دېھقان – چارۋىچىلار ئارىسىدا ئەمەلىي ئىختىساسلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك چارۋا مال دوختۇرلۇق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپپاراتى بۆلەككە ئايرىپ كۆتۈرە ئېلىپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇشتا بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك ناھىيە، ئۈلگىلىك يېزا – بازار، ئۈلگىلىك كەنتنى ئىمكانقەدەر تېزدىن بەرپا قىلىپ، چارۋىچىلىق پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

  21) بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى بېقىشنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرى، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، كالا ۋە قوي سېتىش چوڭ ئائىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياكى باقمىچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە بۇنىڭغا يار – يۆلەك بولۇپ، بىرلىكتە باشقۇرۇپ كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ۋە كەسپىي ئىش تەقسىماتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتلاق ۋە تىپ ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتلاق ۋە چارۋىنى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى، چارۋىچىلار باقمىچىلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلە چارۋىچىلىق مەيدانىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىپ ئۆزگەرتكەن بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى بېقىش سۇبيېكتىدىن 100 نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ بورداق قوي، گۆش كالىسى بېقىشنىڭ تەشكىلىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ قوشۇۋېتىش، سېتىۋېلىش، مەبلىغىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، پاي تىزگىنلەش، پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭ تىپتىكى كارخانا گۇرۇھى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، بورداق قوي، گۆش كالىسى بېقىشىنى كۆلەملىك تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپ تورىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جايلارنى يېشىل ئورگانىك كالا – قوي گۆشى ماركىسىنى بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كالا ۋە قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  7. پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا مەدىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك

  22) بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەرزىگە مالىيەدىن ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش›› بويىچە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرقانچە پىكىر ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكرىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق فېرمىسى (ئائىلىسى)نىڭ قەرز رەنىسى يېتىشمەسلىك، قەرز مۇددىتى قىسقا بولۇش، قەرز ئۆسۈمى يۇقىرى بولۇش، قەرز كېپىللىك سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيەدىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بورداق قوي، گۆش كالىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قەرزىگە قارىتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئوخشاش مەزگىلدىكى قەرز ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قەرز ئۆسۈمىگە تولۇق ياردەم بېرىش، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا 50 نىسبەت بويىچە ئۆسۈم ياردىمى بېرىش كېرەك.

  23) كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ بورداق قوي، گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەرزىگە مالىيەدىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىش سىياسىتىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە كېپىل بولۇش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جايلارنى باقمىچىلىق كارخانىلىرى ۋە دېھقان – چارۋىچىلار ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ، باقمىچىلىق قەرز كېپىل شىركىتى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ دېھقان – چارۋىچىلار ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى يادرولۇق رولىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە كېپىل بولۇش ئارقىلىق ئىناۋەتنى ئۆستۈرۈپ، بانكىنىڭ قەرز خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىش تېپىپ بېرىش يولى ئارقىلىق قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەپ روناق تاپقۇزۇش، پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تۈر مەبلىغى ئارقىلىق بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىدىغان خېرىدار ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ كارخانا گۇرۇھلار، ئەلئارا كاپىتال ۋە سودا – سانائەت كاپىتالىنى بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىي تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  24) كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ سۇغۇرتا مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەكشۈرۈپ زىياننى بېكىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سۇغۇرتا ماددىلىرىنى مۇۋاپىق تۈزۈش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى داۋاملىق چۆرىدەپ، 2012 – يىلى بورداق قوي ۋە گۆش كالىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتا سىنىقى ئاساسىدا، سۇغۇرتا سىناق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. دۆلەت دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇغۇرتا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ مەدىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسىنى سىياسەت خاراكتېرلىك چارۋىچىلىق سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، سۇغۇرتا ھەققى ياردەم پۇلى بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى باقمىچىلىق فېرمىسى (ئائىلىسى)نى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ھەر تۈردىكى سودا سۇغۇرتىسى ئاپپاراتلىرىنى بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىي ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، سۇغۇرتىنىڭ ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ بازار خەۋپى، يۇقۇم خەۋپى ۋە تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  8. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  25) كەسىپ تەرەققىياتىغا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىي تەرەققىياتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىلىي كاپالەت، سىياسەت – تەدبىر جەھەتتە بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەۋقەنى كەلگۈسى تەرەققىياتقا قويۇپ، بۇ پىكىرنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا جىپسىلاشقان، ئۆزئارا قوللايدىغان بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئىمكانقەدەر تېز تۇرغۇزۇش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيەلەر بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دېھقانلارنى شۇ جايدا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەيدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر قاتارىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ساقلانغان گەۋدىلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.

  26) مالىيە سېلىنمىسى ۋە تۈر مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 800 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغنى بىرىكتۈرۈپ قولغا كەلتۈرۈپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە: دۆلەتنىڭ نەسىللىك چارۋا قۇرۇلۇشى، نەسىللىك چارۋىغا بېرىلىدىغان ياردەم مەبلىغى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نەسىللىك چارۋا مەنبەسى سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە نەسىللىك ئەركەك چارۋا، نەسىللىك كالىنىڭ توڭلىتىلغان ئىسپېرمىسىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بېرىش ئىشلىرىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ؛ مەركەزنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى ۋە دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەخسۇس مەبلىغىدىن 350 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كۆلەملەشكەن گۆش كالىسى ۋە بورداق قوي باقمىچىلىق فېرمىسى (كىچىك رايونى)نىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە چارۋا كۆپەيتىش مەيدانىنىڭ چارۋا توپىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى، مۇكاپات مەبلىغى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە، جامائەت يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يەم – خەشەك سودا بازىرى، شاخ – شۇمبا پىششىقلاش ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، سورتلۇق ئوت – چۆپ ئۈلگە ئېتىزى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يەم –خەشىكىنى زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ يانداش يەم – خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىدىن 60 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈگىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش،چارۋا يەرلىك نەسلى ۋە يېڭى نەسىل يېتىشتۈرۈش، يەرلىك نەسىللىك چارۋىنىڭ يادروسى بولغان چىشى قوي يەم – خەشەك ياردەم پۇلى بېرىش، چەت ئەلنىڭ نەسىللىك قوي ۋە كالىسىنى كىرگۈزۈش، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە مۇكاپات مەبلىغىدىن 230 مىليون يۈەن قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نەسىللىك چىشى چارۋىنى ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كىرگۈزۈش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ چىشى چارۋىنى كۆپەيتىش، شاخ – شۇمبا دانىچىسى ئارىلاشتۇرۇلغان يەم – خەشەكنى ئومۇملاشتۇرۇش، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەرزىگە ئۆسۈم ياردىمى بېرىش ھەمدە كالا ۋە قوي گۆشىنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق تەرەپلەرگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىدۇ. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىمۇ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىسىنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يار – يۆلەك بولۇش يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك مالىيەنىڭ مەدەت بېرىش مۇھىم نۇقتىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئالاقىدار تۈر مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  27) كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك چارۋىچىلىق تارماقلىرى يىرىك پىلانغا يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى؛ تەرەققىيات – ئىسلاھات، مالىيە تارماقلىرى بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يار – يۆلەك بولۇش تۈر مەبلىغىنى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ پەن – تېخنىكا تارماقلىرى بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپى بويىچە ئەمەلىي تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەربىيەلەش جەھەتتە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى؛ سودا ئىشلىرى تارماقلىرى چارۋا سويۇش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىشى؛ پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، يەر باشقۇرۇش، سۇ ئىشلىرى، قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، يەر ئىشلىتىش، يول قۇرۇلۇشى، سۇ ئېلېكتىر يانداش ئەسلىھەسى قاتارلىق تەرەپلەردە بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىي تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىشى؛ تارماقلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ئىش تەقسىماتى بويىچە ماسلىشىش، كەسىپ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يەرلىك بىلەن بىڭتۈەننىڭ يۇغۇرما ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، تېخنىكا ھەمكارلىقى، يۇقۇمدىن بىرلىكتە ساقلىنىش ۋە ئۇنى بىرلىكتە تىزگىنلەش، يەم – خەشەك ئېھتىياجى بىلەن تەلەپنى جىپسىلاشتۇرۇش، نەسىللىك چارۋا تەمىناتىدا ئۆزئارا قوللاش، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە يەرلىكتە تۇرۇشلۇق بىڭتۈەن سىستېمىسى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بايلىق ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  28) مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىي تەرەققىيات مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى قاتلاممۇ قاتلام تەقسىملەپ، دەرىجىمۇ دەرىجە، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈنۈملۈك مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئارقىلىق جايلارنىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرغان، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەبلەغ نورمىسىنى يىلدىن – يىلغا ئاشۇرۇش؛ خىزمەتتە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ كېيىنكى يىللىق تۈر مەبلىغى نورمىسىنى كېمەيتىۋېتىش كېرەك.

  29) كالا ۋە قوي گۆشى بازىرىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە، كېڭىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ۋە بازار باھاسىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش تارماقلىرىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ، بازارنى مۆلچەرلەشكە توغرا يېتەكلەش كېرەك. كالا ۋە قوي گۆشى زاپاس ساقلاش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كالا ۋە قوي گۆشى زاپاس ساقلاش كۆلىمىنى ھازىرقى 10 مىڭ توننىدىن 12 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش كېرەك. قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈكىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتىن تاۋار كالا، قوي ۋە كالا گۆشى، قوي گۆشى كىرگۈزۈش؛ ئىمپورت قىلىشتا ئېتىبار سىياسىتى ئارقىلىق مەدەت بېرىشنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كالا ۋە قوي گۆشىنى زاپاس ساقلاشنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ كالا ۋە قوي گۆشىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىمپورت قىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بازار تەمىنات ئېھتىياجىنى تولۇقلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. چوشقا ۋە قۇش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، چوشقا ۋە قۇش گۆشى، قۇش تۇخۇمىنىڭ كالا ۋە قوي گۆشىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تولۇقلاش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە چېتىش مېخانىزمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كالا ۋە قوي گۆشى ۋاقىتلىق باھا ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەلگىلەنگەن نۇقتىدا بىۋاسىتە تەمىنلەش، مۇۋاپىق دەرىجىدە ياردەم پۇل بېرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئاشخانىلىرىنى كالا ۋە قوي گۆشى قاتارلىق گۆش يېمەكلىكى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  30) جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جامائەت پىكرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىي تەرەققىياتىغا پۈتكۈل جەمئىيەت ئېتىبار بېرىدىغان، قوللايدىغان ۋە قاتنىشىدىغان ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ‹‹چارۋىچىلىقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش››نى چۆرىدەپ، قانۇنچىلىق تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يانداش نىزام، قائىدە ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىلىق مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئالاقىدار ساھە، جەمئىيەتلەرنى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، دېھقانلار ئائىلىسى ئارىسىدا كۆۋرۈك بولۇشقا ماسلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، ھوقۇقنى قوغداش، تەلەپچان بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساھەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە باشقۇرۇش مۇھىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر