باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا پىكىر (1)

2013.12.03 08:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا پىكىربورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېتەكچى كەسىپ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ بىرى. بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، بازار تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېچىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. دۆلەت يولغا قويغان ‹‹پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كالا ۋە قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2013 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى يولغا قويۇشتىكى ياخشى مۇھىت ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، گۆش يېمەكلىكلىرى تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:

  1. تەرەققىيات ئوي – پىكرىنى ئېنىقلاپ، نىشان، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

  1) يېتەكچى ئىدىيە. ‹‹بازارنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشكە، ئاممىنى كەڭ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش، نۇقتىلىق ھالقىدىكى قۇرۇلۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يار – يۆلەك بولۇش، باھا ياردەم پۇلى بېرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي ئىستېمالىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش›› تەرەققىيات ئوي – پىكرى بويىچە، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، چىشى چارۋا ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئېسىل نەسىل يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشكەن كۆلەملىك باقمىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەم – خەشەكتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى پەن – تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىش. تەشكىللەشتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتلاق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك رايونلىرىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش. كالا، قوي گۆشىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بازارنى تەڭشەش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بورداق قوي، گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش.

  2) نىشان ۋە ۋەزىپە. 12 – بەش يىلنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كالا ۋە قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارىنى 2012 – يىلىدىكى 840 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇپ، 1 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا، كالا ۋە قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارىنى 1 مىليون 350 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، 2012 – يىلىدىكىدىن 500 نەچچە مىڭ توننا كۆپەيتىش. كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى: 12 – بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بويىچە قوتاندىن چىقىدىغان بورداق قويدىن 10 مىليون تۇياق كۆپەيتىش. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا 1 مىليون 100 مىڭ تۇياق، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 1 مىليون 100 مىڭ تۇياق، ئالتاي ۋىلايىتىدە 700 مىڭ تۇياق، سانجى ئوبلاستىدا 2 مىليون تۇياق، بورتالا ئوبلاستىدا 300 مىڭ تۇياق، قاراماي شەھىرىدە 100 مىڭ تۇياق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 400 مىڭ تۇياق، قۇمۇل ۋىلايىتىدە 700 مىڭ تۇياق، تۇرپان ۋىلايىتىدە 300 مىڭ تۇياق، بايىنغولىن ئوبلاستىدا 750 مىڭ تۇياق، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 750 مىڭ تۇياق، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 250 مىڭ تۇياق، قەشقەر ۋىلايىتىدە 1 مىليون تۇياق، خوتەن ۋىلايىتىدە 550 مىڭ تۇياق كۆپەيتىش.

  2. نەسىللىك چارۋا كۆپەيتىشنى كېڭەيتىپ، چارۋا ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  3)نەسىل يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹شىنجاڭنىڭ قوي ۋە ئۆچكە نەسلىنى ياخشىلاش پىلانى ۋە سورتلارنى رايونلارغا جايلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى››نى يولغا قويۇپ، بورداق قوي ۋە گۆش كالىسىدىن ئىبارەت يەرلىك سورتلارنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، نەسىللىك سورتلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نەسىلنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى نەسىل (سورت) يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، كۆپەيتىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئۆسۈش سۈرئىتى تېز، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، گۆش كۆپ چىقىدىغان يېڭى سورتلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش؛ مەملىكىتىمىز بويىچە تېز كۆپەيتكىلى بولىدىغان بورداق قوي نەسلىنى كىرگۈزۈپ، كۆپەيتىش، بېقىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئىلمىي چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق، يەرلىك نەسىللىك بورداق قوينى كۆپەيتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بورداق قوينى قوتاندىن چىقىرىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش؛ چەت ئەلدىن نەسىللىك بورداق قوي، گۆش كالىسىنى مۇۋاپىق كىرگۈزۈپ، تاۋار ئىگىلىكى بويىچە چېتىشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېتەكچى سورت گەۋدىلەندۈرۈلگەن، رايون ئالاھىدىلىكى روشەن، ئىشلەپچىقىرىش نىشانى ئېنىق بولغان بورداق قوي ۋە گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  4) سورت مەنبە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كالا ۋە قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات يىرىك پىلانى››دا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نەسىللىك قوي، نەسىللىك كالا باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل رايونلاردا ھەر يىلى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى چوڭ، نەسىللىك چارۋا سۈپىتى يۇقىرى بولغان نەسىللىك قوي ۋە نەسىللىك كالا باقمىچىلىق مەيدانىدىن ئۈچ – تۆتنى قۇرۇشقا يار – يۆلەك بولۇش؛ مەخسۇس بورداق قوي، گۆش كالىسى كۆپەيتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپەيتىش مەيدانلىرىنىڭ چەت ئەلدىن نەسىللىك قوي ۋە نەسىللىك كالا كىرگۈزۈشىگە ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك سورت يادرو قىلىنغان ساغلىقنى كۆپەيتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بەش يىلدا تىرىشىپ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نەسىللىك قوچقار (بۇقا) سانىنى ھازىرقى 60 مىڭ تۇياق(دانە)تىن كۆپەيتىپ، 100 نەچچە مىڭ تۇياق(دانە)قا يەتكۈزۈش كېرەك.

  5) چارۋىچىلىقتىكى نەسىلنى ياخشىلاش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ سۈت كالىسى، گۆش كالىسى ئىسپېرمىسىنى توڭلىتىپ ساقلاش بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يۇلتۇز دەرىجىلىك چارۋا نەسلى يېتىشتۈرگۈچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نەسىل تاللاش، سەپلەش تېخنىكا ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سېرىق كالىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ نەسىللىك كالىنىڭ ئىسپېرمىسىنى توڭلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، نەسىللىك كالا باقمىچىلىق مەيدانى، سۈت كالىسى باقمىچىلىق مەيدانىدا نەسىللىك كالىنى كۆپەيتىشكە نۇقتىلىق مەدەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ نەسىللىك تىرىك چارۋا ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم پۇلى بېرىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بېرىش سىنىقى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. نەسىللىك ئەركەك چارۋا مالنى چارۋا مەيدانى ئىچىدە باھالاپ دەرىجىگە ئايرىش ۋە چارۋا مەيداننىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى (مەيدانى)نىڭ ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن ئىشەنچلىك نەسىللىك قوچقار سېتىۋېلىشىغا ياردەم پۇلى بېرىش؛ نەسىللىك بۇقا ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى سېرىق كالىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  6) نەسىل يېتىشتۈرۈش يادروسى بولغان ساغلىق بېقىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. يەرلىكتىكى نەسىللىك قوي ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نەسىللىك قوينى بېكىتىپ بەلگە سېلىش ۋە ئەنگە ئېلىپ تىزىملاپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكتىكى نەسىللىك قوي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەرلىكتىكى نەسىللىك ساغلىق بېقىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يىلىغا 100 مىڭ تۇياق ساغلىق ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق نەسىللىك قوي توپىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 50 مىڭ تۇياق ئىنچىكە يۇڭلۇق يادرو نەسىللىك قويغا قارىتا ياردەم پۇلى بېرىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر