- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلىدىغان ئورۇن بېكىتىلدى
2013.12.03 08:45 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ خۇا باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا قەشقەر شەھىرىگە كېلىپ ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى .
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي يېڭى شەھەر رايونىغا بېرىپ ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئورۇن تاللاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەمدە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى .
ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئورۇن تاللاش ، چېقىپ كۆچۈرۈش ، ھەقنى كېمەيتىش ، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلانغان بولۇپ ، مەكتەپ پىلانى ، پەن-كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى، قەشقەرگە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى قاتارلىق خىزمەتلەرمۇ ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلغان ھەمدە ئالاقىدار قۇرۇلۇش مۇددىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تاللانغان ئورۇن قەشقەر ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىنىڭ شەرقىي شەھەر پۇل مۇئامىلە ، سودا رايونىغا قوشنا بولۇپ ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2000 مو كېلىدىكەن . كەلگۈسىدە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تەرەققىيات رايونى مائارىپ ، پەن-تەتقىقات ، كەسىپ ئورتاق سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، تەرەققىيات رايونىنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەپ ، ئىختىساسلىقلار زاپاس بازىسىغا ئايلىنىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر