باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 102مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 316 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلدى

2013.11.29 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 83 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئەمگەكچىنى سىرتقا چىقىرىش پىلانلىنىپ، 1-ئايدىن 9-ئايغا قەدەر، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 102 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىل بېشىدىكى نىشان-ۋەزىپىنىڭ 123%ى ئورۇندالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون سىرتىغا 13 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) ئەمگەكچى جىجىياڭ، جياڭسۇ، خۇبىي، گۇاڭجو قاتارلىق ئۆلكە (شەھەر)لەردىكى كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرون قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 23 كارخانىدا ئىشلەشكە تەشكىللەندى. 88 مىڭ 500 ئادەم (قېتىم) ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى، شىخەنزە، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كېۋەز ئۈزۈش، خىش زاۋۇتى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەتچىلىك، تىرانسىپورت قاتارلىق كەسىپلەردە ئىشلىدى. سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئوبلاستىمىزدا يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق 316 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر