باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىق ناھىيەسى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇشنى چىڭ تۇتتى

2013.11.28 20:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىلىرىمىز مۇساجان ياسىن،ئايگۈل غىياسىدىن خەۋەر قىلىدۇ: قاغىلىق ناھىيەسى بۇ يىل مەۋقەنى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىشقا قارىتىپ،ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇردى.بۇ بىر يىل ئىچىدە ھېكايە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمسىدىكى كىنودىن 3 مىڭ مەيداندىن كۆپرەك قويدى.ناھىيەلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ،150مەيدان ئويۇن قويدى،يېزا(بازارلار)دا قۇرۇلغان 21تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ خادىملىرى 840 نەپەرگە يىتىپ، ئويۇن ئىجاد قىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،دېھقان-چارۋىچىلارغا ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى،پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان، مەدەنىي، بەختلىك، پەخىرلىك قاغىلىق كىشىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن، ناھىيەنىڭ يېڭى قىياپىتىنى مەدھىيەلەيدىغان، تۇرمۇشقا يېقىن بولغان ناخشا-ئۇسسۇل، ئىتوت نومۇرلىرىدىن 170 نى ئىجاد قىلىپ، 2 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق قېتىم قويدى؛ ئىككى قارار تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، يېزا-بازارلاردىكى سەنئەت تايانچىلىرى ۋە دېھقان رەسساملارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىدى. يېڭى يىل، باھار بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق خاتىرە بايراملاردا مول-مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى ۋە يۈرۈشلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. «ئانار چېچەك بايرىمى»، «ياڭاق قېقىش بايرىمى» قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت بايراملىرىدا نادىر نومۇرلارنى ئورۇنلاش بىلەن، رەسىم كۆرگەزمىسى، فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرنى كۆرگەزمە قىلدى. «قاغىلىق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ۋارىسلىرى» ناملىق كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى.مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتى، بۇ ناھىيەدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بەش ۋە ناھىيە دەرىجىلىكى 45 بولۇپ، باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ،قاغىلىق ساياھەتچىلىكىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قاراقۇرۇمدىكى 1-شەھەر ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر