باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹12315››سىرتقا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2013.11.27 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەرىپە ئەھەد، پىراكتىكانت ئېلنارە ئېلشات خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 18 – نويابىر ‹‹12315›› سىرتقا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئالاقىدار خادىملار ۋە ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرى ‹‹12315›› ئىستېمالچىلار پاش قىلىش، ئەرز قىلىش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹12315›› قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياقۇپ ھاجى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىيىم – كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، زىننەتلەش ماتېرىياللىرى، قاتناش قورالى، مۇلازىمەتكە دائىر بەش نۇقتىلىق تاۋار، مۇلازىمەتنى مەخسۇس تۈزەپ تەرتىپكە سالدۇق؛ يەنە ‹‹12315›› ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرتۇتاش تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ۋە ‹‹12315›› سىرتقا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق؛ نەتىجىدە، بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنىگىچە ‹‹12315›› قوماندانلىق مەركىزىمىز تاپشۇرۇۋالغان شىكايەت – ئۇچۇر 317 مىڭ 548گە يەتتى، ئۇنىڭ كۆپى ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېلېگراف مۇلازىمىتى ھەققىدىكىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى ئىستېمال ساھەسىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ، ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەيمىز، ساختا، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ياساپ سېتىش، سودا ئالدامچىلىقى، ساھە مونوپوللۇقى قاتارلىق قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ، ئىستېمالچىلارغا ساغلام مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر