خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 25 – نويابىر چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ «يوڭئەن» ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق 21 ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ، شىنجاڭ جۇڭگو ساياھەت كوپىراتىپى بېيتۇن شۆبە شېركىتى قاتارلىق 13 شۆبە ساياھەت كوپىراتىپنىڭ سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، قاراماي «تيەنليەن» ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق 40 ساياھەت كوپىراتىپىغا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش، ئۈرۈمچى «جىنخەيۋەن» سەيلە ئارامگاھى قاتارلىق 15 يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا يۇلتۇزلۇق دەرىجىسىنى ئېلىپ تاشلاش جازاسى بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئۇقتۇردى.
ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ ساياھەت تارماقلىرى ساياھەت بازارلىرى تەرتىبىنى ئوڭشاش، ساغلام ساياھەت كەسپىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىدىدە بۇ يىل مايدىن ئۆكتەبىرگىچە مەخسۇس تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش گۇرۇپپىسىنى ھەرقايسى جايلاردىكى 318 ساياھەت كوپىراتىپى، 287 يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايغا ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت، ئۇل مۇئەسسەسە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ لاياقەتسىزلەرگە سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش، مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش، دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق مۇناسىپ جازا قوللانغان. ئۇندىن باشقا يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە بەش A دەرىجىلىك ئالتە سەيلىگاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 223 سەيلىگاھنىڭ مېھمان كۈتۈش سەۋىيەسى، سەيلىگاھ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ، لاياقەتسىز بولغان ئۈرۈمچى يامالىق سەيلىگاھى قاتارلىق ئۈچ A دەرىجىلىك 10 سەيلىگاھنىڭ دەرىجىسىنى ئېلىپ تاشلىغان، 57 سەيلىگاھقا مۇددەت ئىچىدە تۈزەش جازاسىنى بەرگەن، 18 سەيلىگاھقا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى