باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى سەرگەردان تىلەمچىلەرنى ۋاقتىدا پاناھلاندۇرۇش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.11.26 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياڭ يىڭچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كۇڭ ياۋ خەۋەر قىلىدۇ: ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇشقا باشلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى سەرگەردان تىلەمچىلەرنىڭ قىشتىن تىنچ – ئامان چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن پاناھلاندۇرۇش مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى ۋاقتىدا پاناھلاندۇرۇپ، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە پاناھگاھلار ھاۋانىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، پاناھلاندۇرۇش سالمىقىنى ۋاقتىدا ئاشۇرۇپ، سەرگەردان تىلەمچىلەر توپلاشقان ۋە قونالغۇ قىلىدىغان ئاپتوبۇس بېكىتى، شەھەر – بازارلاردىكى ئاۋات جايلار، يەر ئاستى يولى، كۆۋرۈك ئاستى، كونا ئۆي قاتارلىق جايلارنى ئالا قويماي تەكشۈرۈپ، پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىدە يوچۇق قالدۇرماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى روھىي كېسەللەر، كېسىلى ئېغىرلارنى ئاۋۋال داۋالاپ ئاندىن پاناھلاندۇرۇشى، پاناھگاھقا بېرىشنى خالىمايدىغان ئىگە – چاقىسىزلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەم ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار 24 سائەت نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى، رەھبەرلەر نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سەرگەردان تىلەمچىلەرنى ھەرۋاقىت پاناھلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىتى بار جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى سەرگەردان تىلەمچىلەر، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان جايلاردا ۋاقىتلىق پاناھگاھ، پاناھلاندۇرۇش ئاپتوموبىلى تەسىس قىلىپ، پاناھلاندۇرۇش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر