باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر ئىقتىسادىي كەسىپلەر تەرەققىيات مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

2013.11.26 13:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېڭى ئالاھىدە رايون، يېڭى يىپەك يولى، يېڭى كارىدور» تېمىسىدىكى قەشقەر ئالاھىدە رايونى ـ كەسىپ تەرەققىيات مۇنبىرى يەنى قەشقەر خەلقئارا باجسىز مەيدان كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار كېلىشىم ئېلان قىلىش يىغىنى قەشقەردە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەردە، جۇڭگو شەرق خەلقئارا مۈلۈك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى ليۇ تېڭ، خۇاتوڭ تېرمودىنامىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ يىبو، شىنجاڭ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى MBA ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ما جيې، خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجىن ئاسپىرانتلار تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شياڭمىن قاتارلىق ئىلىم ـ پەن، پۇل مۇئامىلە، سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار تەكلىپكە بىنائەن قەدەم تەشرىپ قىلدى ھەم مەخسۇس تېمىلار بويىچە نوتۇق سۆزلىدى.

  مۇنبەر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جەرياندا ما جيې، گو شياڭمىن قاتارلىقلار «قەشقەر ئالاھىدە رايونىغا غەربكە ئېچىۋېتىش داۋامىدا كەلگەن يېڭى پۇرسەت»، «كۆچمە ئىگىلىك ۋە قەشقەرنىڭ يۈكسىلىش يولى ــ خەلقئارا نەزەر ئاساسىدا كۆزىتىش» تېمىسىدا كەڭ ـ كۇشادە سۆزلەشتى. ئۇلار ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەشقەر ئالاھىدە رايونىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئوبدان تەدبىر كۆرسەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر