باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەتتە تىپىك دېلو ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.11.25 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن يەتتە تىپىك دېلو ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئاپتونوم رايوندا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ھەمكارلىق، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدىكى بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈردى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان يەتتە دېلو تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسى تۈپچىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مادەش ماۋزەن يېزا ئىگىلىكىگە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسىنى تۇتۇپ قېلىش، ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق 37 مىڭ 200 يۈەن تولۇقلىما پۇلنى شەخسىي ئىشلىتىۋالغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى ۋە قانۇن بويىچە بىر يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، بىر يېرىم يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلدى؛ بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى مىڭكىتولغا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بايىر خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دوستىغا 53 مىڭ 694 يۈەن 5 مو دۆلەت تولۇقلىما مەبلىغىنى ئېلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. (دەي لەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر