باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹سەككىز تۈرلۈك پائالىيەت››نى ۋاسىتە قىلىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇردى (2)

2013.11.21 09:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› تېمىسىدا زېھنىي سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن، قانۇن – نىزاملىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. ۋىلايەتتە زېھىن سىناش مۇسابىقىسىدىن 48 مەيدان ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا 14 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. 17 مەيدان/قېتىم نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا 5000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، باش تېمىلىق ئەترەت كۈنى پائالىيىتىدىن 44 مەيدان ئۆتكۈزدى، بۇنىڭغا 5600 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئۆسمۈر قاتناشتى.

  ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› تېمىسىدىكى سۈرەتلەر سەييارە كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى. سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 30 پارچە سۈرەت قويۇلغان، ئۇلار قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ۋە دىنىي رادىكال ئىدىيە شۇنداقلا زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرى كۆرگەزمىسى؛ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەر ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەك، قائىدە – يوسۇنلار كۆرگەزمىسى؛ پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە شانلىق تارىخ كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت. ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايىتىدە 100 مەيداندىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، 93 يېزا – بازار، مەھەللىنى قاپلىدى، 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كۆرگەزمىنى كۆردى.

  ‹‹ياشلار ساداسى چوڭ كانىيى›› يېزا – كەنت رادىيو ئىستونىنى يولغا قويدى. بۇ ئىستون خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ۋىلايەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، مۇقىملىق، پىلانلىق تۇغۇت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، قانۇننى تەشۋىق قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دېھقانلارنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، دېھقانلار ئۈچۈن سۆزلەپ، دېھقانلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى.

  ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىي توي ئۆتكۈزۈش ئادىتىنى ھەممە ئائىلەرگە تەشۋىق قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بىرىنچى، ‹‹مەدەنىي توي ئۆتكۈزۈش ئىستىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئىككىنچى، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ھەر بىر ناھىيەدە ئۆزگىچە پائالىيەتنى قانات يايدۇردى

  بۇ يىل 6 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بارلىق ياشلار ۋە ئاممىنى ئاساس قىلىپ، ۋىلايەتتىكى 171 يېزا – بازار(كوچا باشقارمىسى)، 2335 كەنت، 165 مەھەللىدە ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› ئاساسىي تېما قىلىنغان يۇرتىغا قايتقان ئوقۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە، كۆڭۈل ئېچىش – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك ئورۇن بىرلىكتە قانۇن بىلىملىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى، شىنجاڭنىڭ ئۈچ تارىخى، ئېقىم مەسىلىلىرى سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇردى. ئىتتىپاق پائالىيەت كۈنى، كەنت ئاھالە يىغىنى، بازار، رادىيو – تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكىلەرگە يەتكۈزدى؛ مەكتەپ، ئورگان، كارخانا، يېزا، مەھەللىدە تاۋۇز چاغىنى، روزى ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق ھېيت – بايراملاردا ‹‹سىز ئۆيۈمگە كېلىپ ساڭزىغا ئېغىز تېگىڭ، مەن ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئايتوقاچقا ئېغىز تېگەي››، ‹‹مېنىڭ شەھەردە (يېزىدا) ئۆيۈم بار››، ‹‹دوستلۇق ئەمەلىيەت لاگېرى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى.

  يوپۇغا ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ياشلارنى يېتەكلەشتە مۇلازىمەت شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› پائالىيىتىنى ئەھمىيەتلىك، جەلپ قىلارلىق، ئالقىشقا ئېرىشىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندۇردى.

  قاغىلىق ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ‹‹ياشلىق، ئىتتىپاقلىق، كۈرەش قىلىش، دادىل زىممىسىگە ئېلىش›› باش تېما قىلىنغان قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش›› يېزا – قىشلاق ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  مەكىت ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ناھىيەدە‹‹كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى لوڭقىسى›› ياشلار دولان ئۇسسۇل مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزدى، يېزا(بازار)لاردىن دولان ئۇسسۇلچىلىرىنى تاللاپ، قېزىپ، تەربىيەلەپ، ناھىيەدىكى ياشلارنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، دولان مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇردى.

  قەشقەر شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ‹‹ياشلار ئارزۇسى، گۈزەل قەشقەر›› باش تېما قىلىنغان قەشقەر شەھىرىنىڭ ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ياشلار تەڭ ئىلگىرىلەش ئالاھىدە رايوندا جەم بولۇش›› مەدەنىيەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ‹‹ئالاھىدە رايون ياشلىرى››نىڭ ئىلغار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئىستىقباللىق، زامانىۋى ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر