باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۇرغىسى چېلىندى (2)

2013.11.21 09:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 18 – نويابىر مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، بىرلىكسەپنىڭ كېڭەشلىك دېموكراتىيەدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىمىز؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان بىرلىكسەپ خىزمىتىگە ئالاقىدار يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەدبىرنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىكسەپ خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىمىز ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ‹‹يىل بېشىدا بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش››، ‹‹كېلەر يىللىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، (ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى بىرىكتۈرۈش) قاتارلىق خىزمەت تەپەككۇرىنى پائال پىلانلاش،... ...›› قۇرۇلۇشىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 18 – نويابىردىكى ئۆگىنىشتە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى 19 – نويابىر كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى باشقارما، ئىشخانا، ئورۇنلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت كەسپىي خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە بويىچە ئۆگىنىپ، تەدبىر ئارقىلىق ئۆگىنىپ، ئىسلاھاتنى يېتەكچى قىلىپ ئۆگىنىپ، مائارىپ ساھەسىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا ۋە نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتتىكى بۇرچ، مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى نازارەت، ئورگان، بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى تەشكىللەپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىغىن روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى.

  18 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى پارتكومى نازارەتكە قاراشلىق تۆت ئىدارە، ئۈچ يۇرت(ئىنىستىتۇت)نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە نازارەت ئورگىنىدىكى كادىرلارغا يىغىن روھىنى يەتكۈزدى ھەم يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى كونكرىت خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جيەنشىن پارتگۇرۇپپا مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىدا مۇنداق كونكرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: يەرلىك باج تارماقلىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى <سەككىزدە چىڭ تۇرۇش>، <خەلقنىڭ بېجى خەلق ئۈچۈن> دېگەن ئىدىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باج ئىشلىرىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، باجنى قانۇن بويىچە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باج يىغىشتا كەسكىن بولۇپ، تەپسىلىي باشقۇرۇپ، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر يىغىپ، بۇ يىلقى باج ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى 19 – نويابىر ئىدارە بويىچە يىغىن ئېچىپ، كادىرلارنى كوللىكتىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى چۈنياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى ھازىرقى ۋە كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايوندىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈش دولقۇنىغا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىي يولىغا ئۆزلۈكىدىن كىرىشكە يېتەكلەيدۇ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ.

  18 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى كادىرلارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلەر خىزمىتىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ھەم ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلىك پارتكوملار بەس – بەستە مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە كادىرلار يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ھەم ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېت 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 19 – نويابىر، ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئىككى يىغىن روھىنى مەخسۇس يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

  قۇمۇل ۋىلايىتى 19 – نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېت 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، يىغىن روھىنى ئاساسىي قاتلامغا ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋىي لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇش، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا 4 – قېتىملىق نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، يىللىق نىشاننى ئورۇنداش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم 18 – نويابىر كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېت 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، يەتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىز چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى نۇقسانلارنى قەتئىي تۈزىتىپ، قەشقەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئالدىنى ئېلىپ، ئىجتىمائىي ئالدىنى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 18 – نويابىر دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك كومىتېت 6 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ، يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر