- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى شىنجاڭ پۇرسىتى (2)
2013.11.18 17:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
چوڭ ئۆتەڭ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولدى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئاسىيا – ياۋروپا قىتئەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ ئىككى قىتئەنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ، چۆللۈك ۋە قۇملۇق ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، قاتناش قولايسىز، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قالاق، كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئورتاق مەۋجۇت. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بۇ رايوندىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، يىپەك يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ھالقا بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىش قەدىمى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.
دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدە، شىنجاڭ جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۇدا ئۈچ نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى؛ قەشقەر، قورغاس ئىقتىساد – تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلانماقتا؛ ئالاتاۋ پورتى يۈك ئېكسپورت مىقدارى جەھەتتە ئۇدا ئالتە يىل مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق پورتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى؛ يېقىندا جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭدا خەلق پۇلىنى تەڭگە (قازاقىستان پۇلى) گە ئايرىباشلاش نەق پۇل سودىسىنى رەسمىي يولغا قويدى...
شۇنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئاسىيا – ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتنى جەلپ قىلدى.
قاتناش جەھەتتە، دېڭىزدىن يىراق شىنجاڭنىڭ ھازىر 166 مىڭ كىلومېتىر يول مۇساپىسى بار، مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۆپ خەلق ئاۋىياتسىيە پونكىتى بار بولۇپ، 16 ئايرودۇرۇم 141 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، مەملىكەت ئىچىدىكى 52 چوڭ، كىچىك شەھەر ۋە چەت ئەللەردىكى 31 شەھەرنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى ۋە جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇ تۆمۈر يول ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە پۈتمەكچى. 2014 – يىلى ئېلىمىز ئېزنەدىن قۇمۇلغىچە، جاڭجۈنمياۋدىن قۇمۇلغىچە، كورلىدىن گولمودقىچە بولغان ئۈچ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلايدۇ.
كۆپ ساھە، كۆپ قاتلامدىن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: يىپەك يولى بويىدىكى رايونلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي شەرت – شارائىتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغ ئەمەلىيەتتە قاتناش تىرانسپورت بەلبېغى، ئېنېرگىيە تەمىنات بەلبېغى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بەلبېغى، پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى بەلبېغى، تاۋار سودا بەلبېغى، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىيات بەلبېغى، ساياھەت تەرەققىيات بەلبېغى، خەۋپسىزلىك كاپالەت بەلبېغى، سىياسىي جەھەتتە بىر – بىرىگە ئىشىنىش بەلبېغى قاتارلىق بىر قانچە كەسپىي بەلباغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ كەسپىي ‹‹بەلباغ››لار قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ، شۇنداقلا ۋاقىت جەھەتتە ئىلگىرى – كېيىن باشلاشقىمۇ بولىدۇ، شەرت – شارائىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىك دەرىجىسى، بۇ قۇرۇلۇشقا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، ‹‹قايسىسىنى قىلغىلى بولسا، شۇنى قىلىش››، ساھەمۇ ساھە، قاتلاممۇقاتلام ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ھازىر، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› دىكى تايانچ دۆلەت سۈپىتىدە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا تۈركمەنىستاندىن ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئارقىلىق جۇڭگوغا تۇتاشتۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ A، B لىنىيەسى پۈتتى؛ كەلگۈسىدە يەنە تۈركمەنىستاندىن قىرغىزىستان ئارقىلىق جۇڭگوغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان C ۋە D لىنىيەسىمۇ قۇرۇلىدۇ، بۇنىڭغا جۇڭگو – قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى ۋە پىلانلىنىۋاتقان جۇڭگو – قىرغىزىستان ئېلېكتر ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش تۈرى قوشۇلۇپ، ‹‹ئېنېرگىيە ئىقتىساد بەلبېغى›› شەكىللىنىدۇ.
قاتناش جەھەتتە، جۇڭگودىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ياۋروپاغا بارىدىغان ئىككىنچى ياۋروپا – ئاسىيا تۆمۈر يول لىنىيەسىدە ئاللىبۇرۇن قاتناش باشلاندى، جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن تۈركمەنىستانغا، ئىرانغا شۇنداقلا غەربىي ئاسىياغا بارىدىغان تۆمۈر يولمۇ پىلانلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو – قىرغىزىستان، جۇڭگو – قازاقىستان، جۇڭگو – تاجىكىستان تاشيولىدا ئاللىبۇرۇن قاتناش باشلاندى، تاشيول شارائىتى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە، بۇ تاشيوللار ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان تاشيول تورى بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلدى. بېيجىڭ ياكى شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرلەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بىۋاسىتە بارىدىغان ياكى ئۈرۈمچى ئارقىلىق بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئونىدا ھازىر ئايروپىلان قاتنىدى.
ئۈرۈمچىنى خەلقئارا ئالاقە تۈگىنى قىلغان جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئۇچۇر تورى تېز سۈرئەتلىك يولى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە.
يېڭى تەپەككۈر يېڭى زېمىن ھازىرلىدى
شىنجاڭ شەرقىي ۋە غەربىي رايون ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى تاڭ لىجيۇ مۇنداق قارىدى: ‹‹ھاۋا بوشلۇقى يىپەك يولى›› ھازىرقى زامان يىپەك يولىنىڭ ئەڭ زور يارقىن نۇقتىسىدۇر، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكىدۇر. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى يادرو قىلغان، ئاۋىياتسىيە كەسپى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى، خەلقئارا سودا كەسپى، زامانىۋى تاۋار ئوبوروت كەسپى ۋە كۆرگەزمە كەسپىنى ۋەكىل قىلغان كەسىپلەر تەرەققىيات ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈش ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، شىنجاڭنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغا بېرىشتىكى ئەڭ قولايلىق ئۆتەڭگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تاڭ لىجيۇ مۇنداق دېدى: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› تەپەككۇرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ خەۋپسىزلىك مۇداپىئەسىدىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا كېڭەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ يەنىمۇ ئۆسىدىغانلىقىدىن، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشىنىڭ يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كەلگۈسىگە نىسىبەتەن كىشىلەر ھەر خىل تەسەۋۋۇردا بولىدۇ. بىراق شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› شىنجاڭغا يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بەخش ئېتىدۇ. بىز چوقۇم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەيلى
دۇۋېنجىڭ
شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. يەنى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەرەققىيات پۇرسەتكە موھتاج، پۇرسەتنى قانداق چىڭ تۇتۇش – تەرەققىياتتىكى مۇھىم تېما.
‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغىچە تەسىر كۆرسەتتى، ھەر بىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون كۈچ – قۇۋۋەت توپلاپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ھەر قاچان تەييار تۇرماقتا. شىنجاڭ بۇ رىقابەتتە قانداق قىلغاندا پۇرسەتنى ئالدى بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ نەتىجە قازىنالايدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن سىناقتۇر.
ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولسىمۇ، زېمىنى كەڭ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولغانلىقى تۈپەيلى، شىنجاڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا قارىغاندا كۆپ بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.
ئېچىۋېتىش باش تېما قىلىنغان ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› تەسەۋۋۇرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىدە شەك يوق، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن يەنىلا ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، ئەلرايى، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۇزاققىچە ھەرىكەنلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر