باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››دىكى شىنجاڭ پۇرسىتى (1)

2013.11.18 17:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، بىر يېڭى تېما يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى جانلاندۇرۇۋەتتى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – سېنتەبىر قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ‹‹نەزەربايېۋ ئۇنىۋېرسىتېتى››دا نۇتۇق سۆزلىگەندە: ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۇرىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويدى.

  ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭغا تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ھازىرلىدى.

  دۇ ۋېنجىڭ

  يېڭى تەپەككۇر يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىدە شەرقتە چاڭئەندىن باشلىنىپ، غەربتە رىمغىچە تۇتاشقان قەدىمىي يىپەك يولى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. جۇڭگونىڭ رەڭدار يىپەكلىرى، فارفور بۇيۇملىرى ۋە ئىپار – ئەنبەرلىرى توختىماي توشۇلغان، قەدىمىي يىپەك يولى غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالاقىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  ئەمما ئىنسانلارنىڭ دېڭىز قاتنىشىنى باشلىشى ۋە دېڭىز يىپەك يولىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرغان بۇ قەدىمىي يىپەك يولى بىر قانچە ئەسىر سۈكۈتكە پاتتى. يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارمۇ بارا – بارا خارابلاشتى.

  قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھامان يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار دەرھال ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى.

  شىنجاڭ غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى جۇغراپىيەلىك مەركەزدىن ئاسىيا – ياۋروپا قاتناش تۈگۈنى، ئىقتىساد – ھەمكارلىق تەرەققىيات مەركىزى رايونىغا ئۆزگەرمەكتە، شىنجاڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىن يېقىندا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 18 – سېنتەبىردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئالاقىدار خادىملار ئاجرىتىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ساھەلەردىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن تېما تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، مۇھىم نۇقتىسى، يۆنىلىشى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىپ، ئىلمىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان چارا – تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى››نىڭ شىنجاڭ بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ، دېدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن: بۇ، شىنجاڭ ئۈچۈن زور تارىخىي پۇرسەت، ‹‹كۆپچىلىك يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك، كۈچلۈك پۇرسەت ئېڭى ۋە زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىش روھى بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، <يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى> قۇرۇشتا كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، ئاساسىي قوشۇن ۋە باشلامچى بولۇشى كېرەك››، دەپ ناھايىتى ئېنىق ئېيتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر