باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنىڭ كۈچلۈك ساداسى كىشىنى روھلاندۇردى، تەرەققىيات كارتىنىسى كىشىنى تەقەززا قىلدى(2)

2013.11.14 16:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دۇڭ ۋېي مۇنداق دېدى: باج ئىسلاھاتى قەدەم باسقۇچى بويىچە، تىجارەت بېجىنى قۇشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق پائال، پۇختا ئىشلەپ، سىياسەت ئۈنۈم تەھلىلىنى ياخشى قىلىپ، بۇ ئىسلاھاتنىڭ شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادى، ساھە، كارخانىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن دوكلاتىدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بايانلار ج ك پ 18 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، بىرقانچە مۇھىم تۈزۈمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى ئەڭ كەمچىل، شۇنداقلا ئالدى بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىقتىدارىنى رايونلارغا ئايرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بالدۇر ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ <ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقى>نى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم بىر قاتار تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوللاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تولۇقلىمىسى قاتارلىق مۇھىت ئاسراش سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ ليەنشې مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹مۇھىتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش›› ۋە ‹‹ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش›› ئىدىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەشكە ناھايىتى ياخشى ئاساس سالدى، شۇنداقلا ئاخباراتتىكى تەلەپلەر بىلەن بىردەك بولدى.

  شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دۇڭ سۈيكۇەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىندا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يۆنىلىشى كۆرسىتىلىپ، يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر سانائەت پەنلىرى بويىچە تولۇق كۇرس مەكتىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىش يولىدا تىرىشىپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى لاياقەتلىك قۇرۇلۇشچىلار ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئىسلاھات داۋامىدا پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇش

  پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سېلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۇەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاممىنى 1 – ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىش›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹يېڭى دەۋردە خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› ۋە ‹‹ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى، نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسى ۋە بالىلار پاراۋانلىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ تومئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقان نۇرمەمەت ئايۇپ مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىدا دېھقانلارنىڭ ئىشلىرى سۆزلىنىپتۇ، دېھقانلارنىڭ شەھەر – يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىدا شەھەر – بازارلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىگە ھەقىقىي باراۋەر قاتنىشىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  قۇمۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ جيەنكۈن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا، جەمئىيەتتە ئامما قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيەمنى ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىسلاھات داۋامىدا پۇقرالارنىڭ ئۈمىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەممەيلەننى گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولغان ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر