باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاممىۋى لۇشيەن: ‹‹تەكشۈرۈش›› تە زادى نېمىنى تەكشۈرۈش كېرەك؟ (2)

2013.11.11 16:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹تەكشۈرۈش››كە يەنە ئاممىنى قاتناشتۇرۇش، نازارەت قىلدۇرۇش، باھالىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى دېمۇكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشقاندا: ئۆزىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئاممىنىڭ باھاسى ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. شۇڭا، ‹‹تەكشۈرۈش›› جەريانىدا، مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرەلىدىمۇ، توغرا تېپىپ چىقالىدىمۇ، چوڭقۇر تەكشۈرەلىدىمۇ، ياخشى ئۆزگەرتەلىدىمۇ دېگەنلەرگە يەنىلا ئامما باھا بېرىشى كېرەك. جەزمەن شارائىت ھازىرلاپ، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قاتنىشىش قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىغاندىلا، پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ ‹‹تەكشۈرۈش›› ىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. ‹‹تەكشۈرۈش›› تە نېمىلەرنى تەكشۈرۈش كېرەك، قانداق تەكشۈرۈش كېرەك دېگەن مەسىلىدە ئاممىغا ئاشكارا ئېلان قىلىش، ئامما باھا بېرىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بېسمنى يەڭگىللىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ‹‹تەكشۈرۈش›› تە يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇلۇشى كېرەك. يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دېگەن: ‹‹چىڭ تۇتماسلىق تۇتمىغانلىق بىلەن باراۋەر››، ‹‹تەكشۈرۈش›› مۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەركەزنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە، ئۆز ئورنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ ئۈمىد – ئارزۇسىغا سېلىشتۇرۇپ، بىر تۈر بىر تۈردىن يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەنبەسىنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە، ‹‹تەكشۈرۈش›› تە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆزىگە توغرا قاراش غەيرىتى ۋە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىش جاسارىتى تەكشۈرۈلىدۇ. ‹‹تەكشۈرۈش›› تە پۇختا ۋە ئەستايىدىل بولغاندىلا، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك، ئەتراپلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، چىرايلىق تۈگەتكىلى، مەسىلىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر