- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ غۇلجا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كۈلتۈك قارنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىرغا يەتتى، قاتناش ۋاقتىنچە توسۇلۇپ قالدى
2013.11.05 14:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە، شىنجاڭ غۇلجا سايرام ــ گوزىگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئۇدا قار ياغدى. يول يۈزىدىكى كۈلتۈك قارنىڭ قېلىنلىقى 5 سانتىمېتىرغا، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە شامالنىڭ تەسىرىدە قارنىڭ قېلىنلىقى 15 سانتىمېتىرغا يېتىپ، قاتناش ۋاقتىنچە توسۇلۇپ قالدى. (جاڭ كېجىڭ فوتوسى)
كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 3-ئۆكتەبىردىن 4-ئۆكتەبىرگىچە، شىنجاڭ غۇلجىدىكى سايرام ــ گوزىگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ئۇدا قار ياغقانلىقتىن، يول يۈزىدىكى كۈلتۈك قارنىڭ قېلىنلىقى 5 سانتىمېتىرغا، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە شامالنىڭ تەسىرىدە قار 15 سانتىمېتىرغا يېتىپ، قاتناش ۋاقتىنچە توسۇلۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، قار 3-چېسلا سەھەردىن باشلاپ 4-چېسلا سەھەرگىچە ياغقان. 3-چېسلا سائەت 21:00لەر ئەتراپىدا، ھاۋا ئۇدا سوۋۇپ يول يۈزى مۇز تۇتقان، قىسمەن ماشىنىلار تېيىلىشتىن ساقلىنىش زەنجىرى باغلىمىغانلىقتىن گوزىگو چوڭ كۆۋرۈكىدە تۇرۇپ قېلىپ، قاتناش ۋاقتىنچە توسۇلۇپ قالدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر