باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس تۆمۈريول پورتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتتى

2013.10.24 15:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىنىڭ تاموژنا، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى، پېرىيوم – كاراتتىن پونكىتى، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى، يولۇچىلار ۋوگزالى زالى قاتارلىق يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى 20 – ئۆكتەبىر ئومۇميۈزلۈك پۈتتى. بۇ قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىنىڭ يىللىق مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ 20 مىليون توننىغا، دۆلەتنىڭ 1 – دەرىجىلىك پورت ۋوگزالى قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە يانداش قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چېگرا تەكشۈرۈش مەيدانى، 14 كەڭ رېلىس، 17 ئۆلچەملىك رېلىس، ئالتە جۈپ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش لىنىيەسىنىڭ 12 يولى، يولۇچىلار ۋوگزالى زالى، ۋاگونلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانى ۋە پارچە يۈك قاچىلاش، دۆۋىلەپ قاچىلاش، كونتيېنېر، يولۇچىلار پويىزىنىڭ چاقىنى ئالماشتۇرۇش يانداش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدى، قۇرۇلۇش كۆلىمى 90 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى.

  ئۇقۇشىمىزچە، ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىنكى قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىنىڭ يىللىق يۈك ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى 2020 – يىلىغا بارغاندا 20 مىليون توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. بۇ يىل 20 – ئۆكتەبىرگىچە، قورغاس تۆمۈر يول پورتى ۋوگزالىنىڭ يۈك ئۆتكۈزۈش مىقدارى 1 مىليون 250 مىڭ توننىغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر