بۇ يىل 27-سېنتەبىر چېن تەنچيۇ ، ماۋ زېمىن ، دۇ چۇڭيۈەن ، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار شىنجاڭدا مەرتلەرچە قۇربان بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، ئاپتونوم رايون چېن تەنچيۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . 28-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق تۇغقىنى ھاۋا ئارمىيە شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ، ھاۋا ئارمىيە شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى ، ئاۋىياتسىيە ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغاندىن تارتىپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگۈچە تارتقان كۈلپەتلىرىنى ھەم مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ يەنئەنگە قايتىشتەك ئىنقىلابىي ئىش-ئىزلىرىنى چۈشەندى ، شۇنداقلا ئاۋىياتسىيە ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن خەلق ھاۋا ئارمىيەسى تەرەققىياتىغا قوشقان ئالاھىدە تۆھپىلىرىنى ھېس قىلدى .