- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ـــ ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ سودىگەر چاقىرىش خىزمىتى تاماملاندى (1)
2013.08.23 17:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
22-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى سودىگەر چاقىرىش ، كۆرگەزمە ئورنىغا خېرىدار چاقىرىش ۋە مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللار بويىچە ئاخبارات ئېلان يىغىنى ئېچىلدى.
مۇخبىرنىڭ 22-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى سودىگەر چاقىرىش ، كۆرگەزمە ئورنىغا خېرىدار چاقىرىش ۋە مۇھىم پائالىيەتلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللار بويىچە ئاخبارات ئېلان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە كۆرگەزمىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ، كۆرگەزمە ئورنىغا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ ، دۆلەت ئىچىدىكى 21 ھەمكارلاشقۇچى ئۆلكە ، شەھەر ، گەنسۇ ۋە نىڭشيا قاتارلىق 23 ئۆلكە ، شەھەر، ئاپتونوم رايون قاتنىشىدىكەن ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتنىشىدىكەن ، خەلقئارادىكى 49 دۆلەت ۋە رايون ، ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلات ، شۇنداقلا 10 غا يېقىن چېگرا سىرتىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ۋە چوڭ كارخانىلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى ياكى ئالاقىدار مۇنبەر ۋە مەخسۇس پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى بېكىتكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل