باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يۈرۈڭلار قىزلار، جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ كېلەيلى (1)

ھەنىپە ئابدۇللا

2013.08.21 16:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆيۈملۈك گۈزەل قىزلار، مەن سىلەرنى كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلىۋاتقاندا، قەلبىمنى قانداقتۇر غايىبانە بىر كۈچ لەرزىگە سالدى. مەن كىملەرنى تەكلىپ قىلماقچى؟ مەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى، جۈملىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاچا – سىڭىللارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنى تەكلىپ قىلماقچى! شۇ تاپتا كۆز ئالدىمدا ئاپتوبۇسلارغا توپ – توپ بولۇپ چىقىۋاتقان، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى توغرىسىدىكى قىزىقىشلىرىنى يېقىملىق ئاۋازى، گۈزەل تىلى ئارقىلىق بەس – بەستە سۆزلىشىۋاتقان، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق، چېچەنلىك چاقناپ تۇرغان، چېھرىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تۆكۈلۈپ تۇرغان جەڭگىۋار قىزلار، ئىرادىلىك، ۋاپادار، مەسئۇلىيەتچان، جەلپكار چوكانلار، پىكاپلىرىغا پەرزەنتلىرى ۋە ياشانغان ئانىلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ يوللاردا لىق كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار ئارىسىدىن چاققانلىق بىلەن ئۆتۈپ، شوپۇرلۇق ماھارىتىنى كۆرسىتىۋاتقان مەلىكىلىك قىز – چوكانلار بىلەن قايناق كەيپىياتقا چۆمگەن ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ، ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەنزىرە ئىدى.

  دەل مۇشۇ پەيتتە مەن جاھاندا ھەممىدىن ‹‹كۆڭۈل يۈگۈرۈك›› دېگەن ھېكمەتنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولدۇم. قەلب كۆزلىرىم يىراق – يىراقلاردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى ياراتقان شانلىق دەۋرلىرىگە كېتىپ قالدى. بىزنىڭ شىنجاڭ پەخىرلىنىشىمىزگە، ئىپتىخارلىنىشىمىزغا ئەرزىيدىغان، تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن بولغان بىباھا گۆھەر زېمىن، خاسىيەتلىرى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆپ. ‹‹تەڭرى›› ئۇلۇغلىنىدىغان ئاتالغۇ، بىزنىڭ بۇ زېمىننىڭ تاغلىرى تەڭرىنىڭمۇ كۆزى چۈشكۈدەك دەرىجىدە بولغاچقىمىكىن، ‹‹تەڭرىتاغ›› دەپ ئاتالغان. ھېكمەتلەرگە باي دەريالىرى سىرلىق ‹‹تارىم››نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ مۇنبەت زېمىننىڭ تاغ – دەريالىرى شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك، گۈزەل، كەرىملىك. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياپيېشىل بوستانلىق، يايلاقلار بىلەن بىپايان قۇملۇقلار تەڭ مەۋجۇت. قارلىق چوققىلار بىلەن كۆللەر زەپ ياراشقان، قار لەيلىسى گۈلى بىلەن يۇلغۇن چېچىكى رەڭ تالىشىپ تۇرىدۇ، بىپايان ئېكىنزارلىقلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا مول ھوسۇلدىن مەزە سۇنۇپ تۇرىدۇ. تەبىئىي بايلىقنىڭ موللۇقى شىنجاڭ ئوغۇل – قىزلىرىغا شىجائەت بېغىشلاپ تۇرىدۇ. بۇ ئانا زېمىن قىممەتلىك مەدەنىيەت كەيپىياتى بىلەن تويۇنغان، كىروران قەدىمكى شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شۆھرىتىنى جۇلالاندۇرسا، مىڭئۆي غارلىرى قەدىمكى غەربىي دىيار مەدەنىيىتىنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ زېمىندا شەكىللەنگەن ئۆزگىچە بەدىئىي خاسلىقنىڭ ئۆزى بىر يوقالماس بايلىق. كۆپ مىللەت دوستانە ياشاپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئېجىل ئۆتۈش جەريانىدا ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى ۋە ئوخشاشمايدىغان دىنىي ئېتىقاد بۇ زېمىندا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ۋە ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە ئىجتىمائىي كەيپىيات، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ۋە تۈرلۈك ئۆرپ – ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. شۇ ئاساستا ئەجدادلىرىمىز پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ ياراتقۇچىلىرىغا، يۇرتىمىز شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ گۈزەل زېمىن يەنە بىر قېتىم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تۈگۈنى بولۇشتەك پۇرسەتكە ئېرىشتى. جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى بۇنىڭ بىر دەلىلى. قاراڭلار قىزلار، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز نېمە دېگەن تېز، يۇرت – ماكانىمىز نېمە دېگەن گۈزەل – ھە! ھازىر بىزنىڭ شىنجاڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى. 2010 – يىلى 5 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى چاقىرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ساقلاش خىزمەت فاڭجېنىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان، جۈملىدىن ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 2011 – يىل شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى قىلىپ بېكىتىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنىدى. مانا ئەمدى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلغان ئىككى يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا – بازارلىرىدا رەت – رەت كوچا – رەستىلەر ياسالدى. دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كورپۇس – كورپۇس ئەمىنلىك ئۆيلىرى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كاپالەتلىك ئۆيلىرى تەڭ – تەكشى قەد كۆتۈردى. ئۇنىڭدىن نەپ ئالغان كىشىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. يورۇق، چىرايلىق ئۆيلەر چېۋەر – چاققان خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ئەپچىل سەرەمجانلاشتۇرۇشىدا ئىللىق ماكانغا ئايلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە چىرايلىق سېلىنغان ‹‹قوش تىل›› مەكتەپلىرى، ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرى، يېزا – بازار شىپاخانىلىرى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولۇش، كەسپىي تەربىيەلىنىشتىن بەھرىمەن بولۇش، ئاياللارغا بېرىلىدىغان تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل تۈرى، ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەلرايى قۇرۇلۇشىدىن بەھرىمەن بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى. گۈزەل خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل چېھرىنى جىلۋىلەندۈرۈپ، سۇمبۇل چاچلىرىنى يەلپۈتۈپ، بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ دەل بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز تەلپۈنگەن، ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ۋە شۇ مەقسەتتە ئەسىرلەر بويى جاپالىق تىرىشقان كۈنلەر ئىدى. بۇ بەختىيار كۈنلەر بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ بولدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز بۇنى قەدىرلىمەي تۇرالامدۇق؟ دەۋرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالامدۇق؟
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل