باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى دىڭشىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىغا ئىئانە پۇل قوبۇل قىلىشنى باشلىدى

2013.07.29 16:24         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  24-ئىيۇل، شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى پۇل ئىئانە قىلىش ھېساب نومۇرىنى ئېلان قىلىپ، گەنسۇ دىڭىشى يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىغا ئىئانە پۇل قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.

  شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەنسۇ دىڭشىدا 6.6 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تېلېفون قىلىپ پۇل ئىئانە قىلىش توغرىسىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا بولغان كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش ئارۇزىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تۇنجى بولۇپ جەمئىيەتكە تەشەببۇسامە تارقىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئاپەت رايونىدىكىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەندىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  كىشىلەرنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئىئانە قىلىش شەكلىنى ئېلان قىلدى.

  ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولى 538 نومۇر شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى 402-ئىشخانا.

  ھېساب ئاچقان بانكا: قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ تارماق بانكىسى تىجارەت بۆلۈمى ئىتتىپاق شەرقىي يولى تارماق باشقارمىسى.

  ھېساب نامى: شىنجاڭ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى.

  پۇل ئىئانە قىلىش نومۇرى: 650016177000525000229

  پۇل ئىئانە قىلىش تېلېفونى: 2887917 2862167-

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل