باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربنىڭ گازىنى غەربكە ئىشلىتىش جەنۇبىي شىنجاڭنى نەپكە ئىگە قىلدى

2013.07.29 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئايدىن بۇيان، 2400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئورنىدا، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىكى قۇرۇلۇشچىلار پىژغىرىم ئىسسىققا بەرداشلىق بېرىپ جىددىي ئىشلەپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلماقتا.

  مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، تۈركۈم-تۈركۈم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. جەمئىي ئالتە مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى 2010-يىلى 7-ئايدا رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2424 كىلومېتىر كېلىدۇ، تۆت ئاساسىي لىنىيە، 19 تارماق لىنىيەدىن تەركىب تاپقان. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن تەبىئىي گاز غول تۇرۇبا تورى شەكىللىنىپ، ھەر يىلى ئىككى مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش، نېفىت، گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى، تەبىئىي مۇھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تېز، تەڭكەش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى غەربكە ئىشلىتىش يولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ 42 ناھىيە، شەھىرىدىكى تۆت مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  غەربنىڭ گازىنى غەربكە ئىشلىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، تەبىئىي گاز بىلەن ئالاقىدار خىمىيە سانائىتى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. 2010-يىلى كورلىدا يىللىق مەھسۇلاتى 800 مىڭ توننىغا يېتىدىغان تارىم ئۇرىيا خىمىيىۋى ئوغۇت تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ دانىچىلىك ئۇرىيا بوشلۇقى تولدۇرۇلدى؛ 2012-يىلى ئاقسۇدا 450 مىڭ توننىلىق بىرىكمە ئاممىياك تۈرى، 800 مىڭ توننىلىق ئۇرىيا تۈرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى؛ تارىم نېفىتلىكىدە غەربىي جەنۇبىي تارىم، تارىم نېفىت خىمىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى سەرخىل ئايرىش بازىسى شەكىللىنىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، نېفىت، گاز بايلىقىنى قىدىرىپ ئېچىش ۋە نېفىت خىمىيە كەسىپ زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تارىم نېفىتلىكىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سانائىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتىگە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70 تىن ئاشقان، غەربنىڭ گازىنى غەربكە ئىشلىتىش-جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز كەسپىنى مەركەز قىلغان سانائەت تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

  بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدا نېفىت، نېفىت خىمىيە يېڭى شەھەرلىرى بىر-بىرلەپ قەد كۆتۈردى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان جۇڭگونىڭ غەربىدىكى مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور يۈز ناھىيەنىڭ رەت تەرتىپىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالتە ناھىيە، شەھەر ئورۇن ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل