نۇرمۇھەممەت سەمەت «مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات» قاتارلىق نۇرغۇن تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدا روللارنى جۈملىدىن يېقىندا ئىشلەنگەن درامما «غۇنچەم»دە نۇرۇمنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ ئوپېرا تىياتىرىنىڭ تونۇلۇۋاتقان ياش ئارتىسلىرىنىڭ بىرى.
ـــ بۇ ئوپېرانى شىنجاڭ سەھنىسىدە ھازىرغىچە ئوينالغان ئوپېرالار ئىچىدە ئابىدە خاراكتېرلىك ئوپېرالارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئۆزۈمنىڭ مۇشۇنداق بىر ئوپېرادا باش روللارنىڭ بىرىگە چىققىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن، بۇ ماڭا بىر چېنىقىش پۇرسىتى ھەم ئۆگىنىش پۇرسىتى بولدى،- دېدى نۇرمۇھەممەت سەمەت تېلىفۇن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا.ئوپېرا «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا ئوينالغان، دىئالوگ، ناخشىلار خەنزۇچە ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە قىينىلىش بولغان بولمىغانلىقى ھەققىدە نۇرمۇھەممەت مۇنداق دېدى:
ــ ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، خەنزۇچە سۆزلەشتىن قىينالمايدىغان بولغاچقا، رولدا ئېيتىلغان پۈتكۈل خەنزۇچە دىئاگلوگ ۋە ناخشا تېكىستلىرىنى ئېيتىشتىن ئانچە قىينالمىدىم، پەقەتلا خەنزۇچە ئاھاڭ ۋە رولغا ئىنچىكىلەپ كىرىش جەھەتتىن رېژىسسورنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن كۈچىدىم. مېنىڭ ئالغان رولىم پەرىدە ئاپامنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرغۇننىڭ يەنى ئەسلى ئوبراز ھەنىپە ئاپپاينىڭ چوڭ ئوغلى جاپپارنىڭ رولى. تۇرغۇن ناھايىتى جاپادا چوڭ بولغان، بەك ئاق كۆڭۈل بالا، بالىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن كىچىكلەرگە تېخىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن قارايدىغان گەپ ئىكەن، ۋەقەلىكتە مېنىڭ ئاپام بېقىۋالغان 6 قېرىندىشىم بار، ئاپامنىڭ ئورنىدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بولۇپمۇ ئۆز ئىستىقبالىدىن ۋاز كېچىپ، پۇرسەتنى باشقىلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق مۇرەككەپ ۋەقە سيۇژېتلىرىغا كەلگەندە رېژىسسورنىڭ مەندىن كۈتكەن رولغا كىرىش تەلىپى تېخىمۇ قاتتىق بولدى. 50 كۈنلۈك رېپىتىسىيەدە كۈندە 8 – 10 سائەت مەشق قىلدۇق، كېچىلەپ تېكىست يادلىدىم، بۇ ئوپېرادىكى سەھنە ھەرىكىتى بىرقەدەر كۈچلۈك، ھەرىكەت رېتىمى تېز بولغاچقا، نۇرغۇن كۈچ كەتتى، نۇرغۇن تەر چىقتى. قارىسام ئىككى ئاي ئىچىدە بىرقانچە كىلو ئورۇقلاپ كېتىپتىمەن.