ئۇزۇندىن بۇيان بېيجىڭ، شىنجاڭ سەھنىلىرىدە ناخشا ئېيتىپ، دۆلەت ئىچىدە نام چىقارغان داڭلىق ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا بۇ قېتىم ئوپېرادا پەرىدە ئانىنىڭ 6 – بالىسى ئەكبەرنىڭ رولىغا چىققان بولۇپ، رولدىكى ئەكبەر كىچىكىدىن گىتتار چېلىشقا ھېرىسمەن ئىدى، بۇ رول ئەركىننىڭ گىتتار چېلىشىغا تازا ماس كەلدى.
ـــ مېنىڭ بۇنداق چوڭ ئوپېرادا تۇنجى قېتىم رولغا چىقىشىم،- دېدى ئەركىن ئابدۇللا،- بۇ ئوپېرادا مەن بىر تەرەپتىن ئەكبەرنىڭ رولىنى ئالسام بىر تەرەپتىن ۋەقەلىكنىڭ سىرتتىن چۈشەندۈرگۈچىسى بولدۇم. 17 – ئىيۇندىن باشلاپ كۈندە نەچچە سائەت رېپىتىسىيىگە چۈشۈپ كەتتىم، كۈندە رېپىتىسىيەدىن باشقا يەنە ئوپېرانىڭ مۇزىكىسىنى، تېكىستىنى يازدىم، ھەر كۈنى ئارانلا بىرنەچچە سائەت ئۇخلىدىم، تۇنجى قېتىم رولغا چىقىشىم بولغاچقا، ماڭا رېجىسسورنىڭ ئەجرى بەك سىڭدى، ئەتراپىمدىكى باشقا ئارتىسلارمۇ كۆپ ياردەم قىلدى. مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا ئوپېرا سىنارىيەسىنى قايتا – قايتا 5 قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، سىيۇژېتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ئۇدارغا، روللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە، دەۋر پۇرىقىغا بەك دىققەت قىلدىم. ئاخىر ئوپېرادىكى 5 تېكىستنى، مۇزىكىنى بىر ھەپتە ئىچىدىلا مۇۋەپەقىيەتلىك تاماملىدىم، مېنىڭچە بۇنداق قىسقا ۋاقىتتا بۇنداق چوڭ ئوپېرانى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى جېننىس دۇنيا رېكورتىغا ئىلتىماس قىلساق بولغۇدەك دەيمەن.
ـــ ئوپېرا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشتى، سىزنىڭ شۇ تاپتا ئەڭ قىلىشقا ئەڭ ئالدىراۋاتقان ئىشىڭىز نىمە؟- دەپ سورىدىم ئەركىندىن.
ـــ شۇ تاپتا بېيجىڭغا تېزراق قايتىپ، ئۇماق بالىلىرىمنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن، ئۇلارنى بەك سېغىندىم،- دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.