ئىگىلىشىمچە، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا» بولۇپ، ئاساسلىقى ئويۇن ۋە قوشۇمچە پائالىيەتلەردىن ئىبارەت ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىن كەلگەن 21 سەنئەت ئۆمىكى 20-ئىيۇلدىن 5-ئاۋغۇستقىچە ئاساسلىق مەيدان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋە تارماق مەيدان كورلا، شىخەنزە شەھەرلىرىدىكى سەككىز تىياتىرخانىدا 65 مەيدان ئويۇن قويىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا يەنە «2013-يىللىق جۇڭگو تور ئۇسسۇل بايرىمى»، «شىنجاڭ سوۋغاتلىق بۇيۇمدا يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى»، «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى فوتو-سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى»، «ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ فوتو-سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «كاتتا سەنئەت كۆرىكى» ۋە «ئاۋامنىڭ بايرىمى» ھېسابلىنىدىكەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)