باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا»
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى (2)

2013.07.22 09:48   مەنبە: خەلق تورى

«ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا»
3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى (2)

  سەي ۋۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ رەڭگارەڭ مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئېچىۋېتىلگەن سەھنە. ھەرقايسى ساھەدىكىلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇسسۇل بايرىمىنى جۇڭگوچە ئۇسلۇب، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىك ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كاتتا سەنئەت كۆرىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان ئاممىۋى بايرامغا ئايلاندۇرۇشىنى، شۇنداقلا بۇ بايرامنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاددىي، قىزغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئورۇنلانغان يېقىملىق مۇقامدىن ئارىيە بىلەن «مېھىر–مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق دراما باشلاندى.

  «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تەڭرىتاغ» ناملىق بۇ دراما 2009-يىلى «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس» بولۇپ باھالانغان، شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىن پېنسىيەگە چىققان ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. بۇ درامىنى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور شىڭ شىمياۋ، ئاتاقلىق مۇزىكانت تاڭ جيەنپىڭ، دۆلەتلىك چوڭ تىياتىرخانىنىڭ دېكراتسىيە باش نازارەتچىسى گاۋ گۇاڭجيەن قاتارلىقلار كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن؛ ئاتاقلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس ئاساسلىق رول يەنى «ئانا» رولىنى ئالغان. تەسىرلىك ھېكايە، داڭلىق ئارتىسلار، ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكلىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق ماھىرلىق بىلەن ئورۇنلانغان بۇ دراما پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈردى.

  ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەنىپە ئالىماخۇن سەھنىگە چىقتى، تاماشىبىنلار قىزغىن چاۋاكلىرى ئارقىلىق بۇ ئانىنى قارشى ئېلىپ، پۈتۈن مەيداننىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جاڭ چۈنشيەن ھەنىپە ئالىماخۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم بۇ دىرامىغا قاتناشقان ئارتىسلار بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: درامىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم، شىنجاڭدا مۇشۇنداق بىر ئانىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. ھەنىپە ئانا ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپتۇ، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى. بۇ دىراما ئارقىلىق ئانا مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈچنى مۈجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن ئارتىسلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورۇنلاش ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئاخىرىدا جاڭ چۈنشيەن ھەنىپە ئالىماخۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم دىرامىدىكى ئاساسلىق ئارتىسلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 230 مىڭ ئوقۇغۇچى 300 نۆۋەتچى پويىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتىغا بىخەتەر قايت…
      ·جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى 
      ·ئاسپىرانتلاردىن ھەق ئېلىشتا «قوش رېلس تۈزۈمى» بىكار قىلىنىدۇ
      ·ھەرقايسى دۆلەت بالىلىرى تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ
      ·مۇستەقىل تاللاشتا قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس 1–تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ 
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ
      ·شىنجاڭ بىلەن ئەزەربەيجان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق بۆسۈش ئېغىزى ئىزدىمەكتە
      ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە قوبۇل قىلىش نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخىرەتلىك خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
      ·شىنجاڭ 7-ئاينىڭ 10كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ