باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 38 مىليون يۈەن تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىمىسى تارقاتتى

2013.07.19 08:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-ئايدىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قارا يامغۇر، كەلكۈن، لاتقا شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەردى، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 38 مىليون يۈەنلىك تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئوزۇقلۇق، يېپىنچا قاتارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۆرۈلگەن ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا سېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ياردەم بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن قارا يامغۇر، كەلكۈن، مۆلدۈر، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرگەن، قىسمەن جايلار قايتا-قايتا ئاپەتكە ئۇچراپ، زىيان خېلى چوڭ بولغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاجرىتىلغان 38 مىليون يۈەن ئاساسلىقى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، بىز مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە