- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ باشلىقى زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن خىزمەت ئورنىدا قۇربان بولدى
2013.07.16 17:57 مەنبە: خەلق تورى
بۇ قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماڭلاي ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى يولداش ئەخمەتتوختى مەتتۇرسۇننىڭ قۇربان بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇنقى (يەنى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى) سۈرىتى. ئەينى چاغدا ئۇ ساقچىخانىدىكى دىجۈرنىلىك ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزۇۋاتقاندا ساقچىلار يانفوندا بۇ سۈرەتنى تارتىۋالغان. ئەمما ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇ چارلاشقا چىققاندا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى، ئۇ ئەمدىلا 43 ياشقا كىرگەنىدى.
قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ماڭلاي يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى يولداش ئەخمەتتوختى مەتتۇرسۇن نەچچە كۈن ئۇدا ئىشلەپ زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، 7-ئاينىڭ 12-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، ئۇ ئەمدىلا 43 ياشقا كىرگەنىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە