باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا-نىڭبو ھاۋا يولىدا 2-ئىيۇل ئۇچۇش ئەسلىگە كەلدى

2013.07.03 17:08         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۇچا ئايرودۇرۇمى (ماتېرىيال سۈرەت)
  شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر Airbus A-320 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ كۇچا ئايرودۇرۇمىغا ئاستا-ئاستا قونۇشى بىلەن، توققۇز ئاي ئۇچۇش توختىغان كۇچا-نىڭبو ھاۋا يولىدا 2-ئىيۇل ئۇچۇش رەسمىي ئەسلىگە كەلدى.

  بۇ قېتىم شەرق ئاۋىياتسىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كۇچا-ئۈرۈمچى -نىڭبو بېرىش-كېلىش ھاۋا يولىدا ھەر ھەپتىدە ئىككى نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ، MU5191 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھەر سەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:20 دە نىڭبودىن ئۇچۇپ، چۈش سائەت 1:45 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:50 تە كۇچاغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان MU5192 بولۇپ، كۇچادىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 دە ئۇچۇپ، سائەت 5:50 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ، كەچ سائەت 10:20 دە نىڭبوغا يېتىپ بارىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، يولۇچى ئېقىمى ۋە ھاۋارايى تەسىرىدىن، كۇچا-نىڭبو ھاۋا يولىدا 2012-يىلى 6-ئۆكتەبىر ئۇچۇش توختىتىلغان بولۇپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئىككى جاي ئارىسىدا قاتنايدىغان يولۇچىلار كۆپ قېتىم ئايروپىلان ئالمىشىپ ئاندىن مەنزىلىگە يېتىپ بارغان.

  كۇچا ناھىيەسى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىپ قۇرۇش رايونى بولۇپ، ئىككى جاينىڭ سودا باردى-كەلدىسى، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى جاي ئارىسىدا بېرىپ كېلىپ قاتنايدىغان يولۇچىلارمۇ كۈنسېرى كۆپەيگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە نىڭبو شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجى كۈچەيگەنلىكتىن، ئۇچۇش يولىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە