باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

2013.07.03 17:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلىمىدىكى كادىرلار ۋە ئامما يېقىندا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق،تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۈرت ماكانىنى ئورتاق قوغدىشى ۋە قۇرۇپ چىقىشى لازىم.

  ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلار پىلانلىغان بىر يۈرۈش تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ بەخت ئىكەنلىكى، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەن ھالقىش تىپىدىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ قەدىرلىدى، چەرچەن ناھىيەسىدىكى 62 ياشلىق ئۇيغۇر دېھقان ئابدۇقېيىم ھەر يىلى چىلان سېتىپ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتى، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جەمئىيەت مۇقىم بولسا ئاندىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ئىقتىساد تەرەققىي قىلسا پۇقرالارنىڭ كۈنى ئاندىن ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلغان چوڭقۇر مۇھەببەت بىر قاتار زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالمايدۇ.

  بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن ئەمدىلا توي قىلغان ئۆزبېك قىزچاق ئاينۇرە مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭ مېنىڭ يۇرتۇم، مەن تىنچلىقنى سۆيىدىغان ھەر بىر كىشىگە ئوخشاش ئىناق، ئەمىن، باياشاد تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، مەن زوراۋانلىققا نەپرەتلىنىدىغان ھەر بىر كىشىگە ئوخشاش مىللەتلەر ئىناقلىقى، ئورتاق تەرەققىياتنى بۇزىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىمەن، بىز بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنى، تۇرمۇش مۇھىتىمىزنىڭ ئىناق، دوستانە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ــ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرت ماكانىنى ياخشى قوغداش ۋە قۇرۇش سېپىگە قېتىلىشى كېرەك.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقتۇ ناھىيەسى بارېن يېزىسىدىكى ساقچى تۇرسۇنجان خىزمەت سەۋەبىدىن يېرىم ئايغىچە ئۆيىگە قايتالمىغان ئىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز خەلق ئاممىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تۈۋرۈكى بولىشىمىز، ھاياتىمىز ۋە ئىسسىق قېنىمىز بەدىلىگە خەلقنىڭ مال مۈلكى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن باش تارتماي، زورۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز، پۇقرالارغا مۇقىم، بەختلىك تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىمىز، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىشىمىز لازىم.

  ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەرەققىياتقا، مۇقىملىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە