باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.07.03 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا يېقىندىن بۇيان ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر پىلانلىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلولىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، تېزدىن تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان بىر يۈرۈش كونكرېت تەدبىرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈكسەك ئىشەنچى ۋە ھىمايىسى، قوللىشىغا ئېرىشتى.

  كۇچا ناھىيەلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابلىمىت قادىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىر گۆھەر زېمىن، بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. ئەگەر مۇقىملىق بولمىسا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ زېھنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس. يېقىنقى مەزگىلدە، شىنجاڭدا بىر يۈرۈش زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىناقلىق، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ئوبرازىغا ئېغىر داغ تەگكۈزدى. بۇ بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۈشمىنى، بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق پەيدا قىلغان بۇ ئادەملەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمىز، تېررورلۇق، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى كافېدراسىنىڭ مۇدىرى دۈەن لياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا يۈز بەرگەن پىچاندىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلولىرى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ-ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت چېكىگە خىرىس پەيدا قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى يەتكۈزدى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە ۋاقتىدا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تارىخى ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، ھەر مىللەت خەلقى مۇقىملىقنى ئويلاپ، ئىناقلىققا تەلپۈنۈپ،تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشقا تولۇپ تاشقان ئۈمىد ۋە ئىشەنچتە بولماقتا.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، خوتەن جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇلىتىپ ئابدۇرېھىم داموللا مۇنداق دېدى: تېررورچى زوراۋانلار ھەقىقىي دىن مۇرىتلىرى ئەمەس، پەقەت دىنىي تونغا ئورىنىۋېلىپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنىڭ ساددا ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ، زىددىيەت تۇغدۇرۇپ، نىزا پەيدا قىلدى، بۇ-بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىناق، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىشنى مەقسەت قىلغان. تېررورچى زوراۋانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ھەر قانداق مىللەتكە شۇنداقلا ھەر قانداق دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مىللىتىگە ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە