باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-ئىيۇل باشلاندى

2013.07.03 13:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  2013-يىلى مىڭدىن ئارتۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدىن 130 مىڭ 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە رايون ئىچىدىن 73 مىڭ 400 نەپەر، رايون سىرتىدىن 56 مىڭ 700 نەپەر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدە شىنجاڭدىن جەمئىي 5800 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

  ئالىي مەكتەپلەر بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، ئوقۇغۇچىلارنى تەڭشەش پىلانى بىردەك ‹‹مەملىكەتلىك ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى توردا باشقۇرۇش سىستېمىسى›› ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچەم-كۆرسەتكۈچلىرىنى تۆۋەنلىتىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەڭشەش پىلانىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق ئېلىش ۋە مۇناسىۋەت باشلاش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  1. تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈمنىڭ ئالدىنقى تۈركۈم (تولۇق كۇرس 0-تۈركۈم)دىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 3-ئىيۇلدىن 8-ئىيۇلغىچە.

  2. نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانىدىكى تولۇق كۇرستىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 9-ئىيۇل.

  ئۆزى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار (تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ ئالدى)نى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 10-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە.

  3. تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 10-ئىيۇلدىن 21 ئىيۇلغىچە.

  4. تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 22-ئىيۇلدىن 28-ئىيۇلغىچە.

  5. تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمنىڭ ئالدىدىكى تۈركۈمدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 22-ئىيۇلدىن 1-ئاۋغۇستقىچە.

  6. تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2-ئاۋغۇستتىن 8-ئاۋغۇستقىچە

  7. نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانىدىكى ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)تىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 9-ئاۋغۇست.

  8. ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)نىڭ ئالدىدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 10-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە.

  9. ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) 1-تۈركۈمدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 15-ئاۋغۇستتىن 21-ئاۋغۇستقىچە.

  10. ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) 2-تۈركۈمدىكىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 22-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە.

  11. ئۈچ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكا تۈرىگە قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 15-ئاۋغۇستتىن 19-ئاۋغۇستقىچە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە