- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 32 كىيىم-كېچەك كارخانىسى ھۆكۈمەتنىڭ 15 مىليون 730 مىڭ يۈەنلىك مەخسۇس تۈر ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىدۇ
2013.05.31 16:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭدىكى ئون چوڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكلىرى نامايان قىلىنماقتا
2013-يىلى ، شىنجاڭدىكى 32 كىيىم-كېچەك كارخانىسى ھۆكۈمەتنىڭ 15 مىليون 730 مىڭ يۈەنلىك ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىدۇ .
29-ماي ، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايون تارقاتقان ‹‹شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر ›› گە ئاساسەن ، ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى ياردەم مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلغان 60 كىيىم-كېچەك كارخانىسى ئىچىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 32 كارخانىنى تاللاپ ، ئۇلارغا 15 مىليون 730 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى تارقىتىپ بېرىدىكەن . ئۇنىڭ ئىچىدە ، ئۈرۈمچىدىن يەتتە كارخانا 4 مىليون 50 مىڭ يۈەنلىك ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشىدىكەن .
2012-يىلى 6-ئايدا ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹ شىنجاڭدىكى كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ›› توغرىسىدىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان . ‹‹پىكىر ›› دە شىنجاڭنىڭ كىيىم-كېچەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، تۈرلۈك باج سىياسەتلىرىدە ئېتىبار بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان . 2012-يىلىدىن باشلاپ ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 30 مىليون يۈەننى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجرىتىپ ، ئالاقىدار تارماقلارغا كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىدىن ئېلىنىدىغان بەش يىللىق تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە