- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شېنجىن-قەشقەر ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى (2)
2013.05.30 16:10 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
|
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلماقتا |
يىغىندا ئالدى بىلەن تاشقورغان ناھىيەسى ، قەشقەر شەھىرى ۋە شېنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات قىلدى . قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن قەشقەر ۋىلايىتىگە ۋاكالىتەن ۋاڭ روڭ قاتارلىق شېنجىن شەھىرى پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان قەشقەرنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى دوكلات قىلىپ ئۆتتى . گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، شېنجىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ روڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ ، شېنجىن ئالاھىدە رايونى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، قەشقەر شەھىرى ، تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ ، تېخنىكا ، ئىقتىساسلىق خادىم جەھەتتىن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ، شېنجىندىكى كارخانىلارنى قەشقەرگە مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ، قەشقەرنى ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى مەرۋايىت شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە