باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2012–يىللىق ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى (2)

2013.03.01 14:12        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى، س س م ب ئىدارىسى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 2 – ، 3 – ، 5 – دوختۇرخانىدىن ئىبارەت ئالتە ئورۇننىڭ ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق باھالىغان. 2012 – يىلى بۇ ئالتە ئورۇن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن.

  بىر يىلدىن بۇيان، بۇ ئالتە ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىپ، مەزمۇنىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى كۈچەپ ئۆزگەرتكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلىنى دېموكراتىك باھالاش خىزمىتى گۇرۇپپىسى بۇ ئالتە ئورۇنغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەردى: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھالقىسىمان باھالاپ تەستىقلاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىت ئاسراش سېلىنمىسى ئەمەلىيلەشمەي نېسى قېلىش مەسىلىلىرىنى تېزدىن ھەل قىلسا، مۇھىت ئاسراش قائىدە – نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى تېزدىن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلسا؛ ئاپتونوم رايونلۇق س س م ب ئىدارىسى قائىدە – تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىش سالىمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرسە؛ ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى خىزمەتچى ئاز، ۋەزىپە ئېغىر بولۇش قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ساختىلىققا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرسا، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، قىسمەن خىزمەتچىلەردىكى ‹‹چاكىنا، ھۇرۇن، چېچىلاڭغۇ››لۇق ھادىسىلىرىنى قەتئىي تۈزەتسە؛ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2 – تارماق دوختۇرخانىسى ‹‹كۈندىلىك ھېسابات تالونى››دا ھەقنى كۆپ خاتىرىلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى، قىسمەن دوختۇر – سېسترالار ئىشخانىسىنىڭ قالايمىقان بولۇش ھادىسىسىنى تۈزەتسە؛ 3 – تارماق دوختۇرخانا ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى كادىرلار ۋە داۋالاش تېخنىكا تايانچلىرىنىڭ پاك – تەلەپچان بولۇش، تېببىي ئەخلاق ۋە تېببىي ئىستىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش بويىچە خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مېخانىزمى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلسا؛ 5 – تارماق دوختۇرخانا كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، داۋالاش تېخنىكا تايانچلىرىنى تەربىيەلەپ، تېخنىكا قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلسا.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە