باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ مەبلەغ سېلىش مىقدارى 7 ھەسسىدىن ئاشتى(2)

2013.02.20 17:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى



  جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا تۇتاشتۇرۇش كارىدورىدىكى ئوق سىزىققا ئورنىتىلغان، ئەسلىدە ئىككى دۆلەت چىگرىسىنى ئايرىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر رىشاتكا ئېلىپ تاشلاندى. دائىرىسى 5.28 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ رايونغا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، تاۋار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش ۋە سېتىش، ئىسكىلات ۋە توشۇش، مىھمان ساراي، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق 7 چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلاش پىلانلاندى.

  «سىرتتىكىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كەلگەننى شەرققە يۆتكەش»تىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق مۇنبىرىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 2011-يىلى 9-ئايدا «قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا ئائىت بىر قانچە پىكىر»نى تارقىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىدا ئالاھىدە ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەز مالىيەسى تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىغا ھەر يىلى تولۇقلىما بېرىش، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن 5 يىلغىچە تاپاۋەت بېجى ئالماسلىق، ئالاھىدە بېكىتىلگەن كارخانىلارغا توك ۋە تىرانسپورت باھاسى جەھەتتە تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر چىقىرىلدى. كەينى كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ياخشى سىياسەتلەر غەربىي قىسىمغا يۈرۈش قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

  قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ھازىر 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە پاسكىنا سۇلارنى چىقىرىش تۇرۇبىسى تورى قاتارلىق ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى تاماملىدى. كەلگۈسى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان پىلانلىغان 40 نەچچە تۈر كەينى كەينىدىن ئىشقا سېلىنىپ، 70 نەچچە مىڭ ئىش ئورنى يارىتىلىدۇ.

  30 نەچچە يىل ئىلگىرى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئالدى بىلەن ياخشى سىياسەتكە ئېرىشكەن گۇاڭدۇڭدىن باشلانغان ئىدى. 30 نەچچە يىلدىن كېيىن ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچ ئۇلاش تاياقچىسى قورغاسنىڭ قولىغا يەتتى. دېڭىز، قۇرۇقلۇقتا ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، غەربىي رايوننىمۇ ئېچىۋېتىش تەقەززاسى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بارماقتا.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە