باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن تۆمۈر يول بېكىتىگە قاتنايدىغان يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىدۇ

2013.02.05 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:2-فېۋرالدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىنىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى تۆمۈر يول بېكىتىگە قاتنايدىغان يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىدىكەن. بېلەت باھاسى بەش يۈەن (بىر ئادەم / قېتىم) بولۇپ، يەككە مۇساپىنى تاماملاشقا پەقەت 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ مەخسۇس لىنىيەدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل پويىز ئىستانسىسى غەربىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇبىي جۇڭشۇ يولى، دۇڭلىن يولى، بەيخۇ يولى، ئەنخۇ كوچىسى، بېيجەنۋۇ يولى، شياڭيۈن كوچىسى، لۇشەن كوچىسى، غەربىي تاشقى ئايلانما يولى، ئالتاي يولى، غەربىي خېنەن يولى، بېييى يولىدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا تۆمۈر يولى ئىدارىسى بېكىتىگە يېتىپ بارىدىكەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 17.5 كىلومېتىر بولۇپ، يول بويىغا توختاش نۇقتىسى تەسىس قىلىنمىغان. ئەگەر يولۇچىلار ئالاھىدە ئەھۋالدا ئاپتوموبىلدىن چۈشمەكچى بولسا، شوپۇر بىلەن ئالدىن كېلىشىشى كېرەك ئىكەن.

  بۇ مەخسۇس لىنىيەدە قاتنايدىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئىشقا چىقىش ۋاقتى سائەت 8:00 دىن 22:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)گىچە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە